UyghurMain Dictionary
ئوياما ئىكوئو
دۇنيا تارىخى
(1880 - 1955) ياپونىيە سىياسىئونى. ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى. ۋاسېدا داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1910 - يىلى گېرمانىيە ۋە ئامېرىكىدا ئوقۇغان. 1419 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن ۋاسېدا داشۆسىدە پروفېسسور بولغان. 1917 - يىلى <ئوساكا يوموئورى> گېزىتىنڭ باشماقالە ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ، تېرائوسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل ئىچكى - تاشقى سىياسەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەن. 1920 - يىلى يېڭىۋاشتىن ۋاسېدا داشۆسىگە پروفېسسور بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ۋە ئومۇمىي سايلام ھەرىكىتىگە پائال مەدەت بەرگەن. 1924 ـ يىلى سىياسىي تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇشقا قاتناشقان. 1926 - يىلى ئەمگەكچى دېھقانلر پارتىيىسى مەركىزىي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1929 - يىلى كاۋاكامى خاجىمۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە يېڭى ئەمگەكچى دېھقانلر پارتىيىسىنى قۇرغان. 1930 - يىلى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، 1932 - يىلى ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن. 1947 - يىلى ۋەتىنىگەقايتقاندىن كېيىن ۋاسېدا داشۆسىگە ئۈچىنچى قېتىم پروفېسسور بولغان. 1950 - يىلى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، ئىككىنچى يىلى خەلقئارا تىنچلىقنى كۈچەيتىش يۈزىسىدىن ستالىن خەلقئارا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. <سىياسىي جەمئىيەتنىڭ ئاساسى>، <ياپونىيىنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي جەريانى> قاتارلىق ئەسەرلىرىنى يازغان. كېيىن <ئوياما ئىكوئو ئەسەرلىرى> دىن بەش توم نەشر قىلىنغان.