UyghurMain Dictionary
ئوي
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پىكىر، خىيال، مۇلاھىزە، مەقسەت، نىيەت، مۇددىئا.
ئويلىماق، ئويغا كەتمەك، ئويغا پاتماق، * ئويغا سالماق، ئويغا كەلمەك. * نېمە ئويۇڭ يار؟* بايغا كۈندە بايرام، كۈندە توي، گادايغا كۈندە قايغۇ، كۈندە ئوي (ماقال). * بويوڭ بىلەن ماختانما، ئويوڭ بىلەن ماختان (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
دۆڭنىڭ ئەكسى، چوڭقۇر، ھاڭ، ئازاگال.
ئوي -دوڭغۇل. * بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي - چوڭقۇرى تولا (ماقال). * ئويدا ياتما، دۆڭدە يات (ماقال).* دۆڭگە جىرىم تىكمە، ئويغا ئۆي سالما (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئويماق، ئويۇش. كولىماق، قازماق، ئوي قىلماق.
تامغا ئويماق.، نەقىش ئويماق. *ئويمىچى، ئويمىچىلىق. * كۆرەلمەسنىڭ كۆزىنى ئوي. * ئويسال ئون كۈن يېتەر، قىرساڭ قىرىق كۈن كېتەر (ماقال). * كۆزىنى ئويۇپ، قولىغا ھاسا بەرگەندەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، سىرتتىن ئىچكىرىگە بولغان ئارىلىق چوڭلۇق.
چوڭقۇر دەريانىڭ شاۋقۇنى ئاز. ئېرىق شىلدىرلار. تىرەن كۆل جىم تۇرار. تاغدىن ئېگىز، دېڭىزدىن تىرەن. بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي _ چوڭقۇرى تولا. تەرىڭ تەڭىز _ تېرەن دېڭىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈلگە كەچكەن تەسەۋۋۇر، پىكىر.
بويۇڭ بىلەن ماختانما، ئويۇڭ بىلەن ماختان. بۆرىنى ھەر قانچە باقساڭمۇ، ئوي - خىيالى جاڭگالدا. كۆڭۈل ئويغا تويمايدۇ، بۆرە قويغا. خىيال كېچىدە ئېچىلىدۇ، گۈل شەھەردە. ئوغرى مال كويىدا، قۇشناچ گال كويىدا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىنسان چوڭ مېڭىسىنىڭ پائالىيىتى.
<ئوي> كۆڭۈلگە پۈككەن ئۈمىد، ئارزۇ.
<پىكىر> ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ ئىنسان ئېڭىدا تەپەككۇر پائالىيىتىدىن ھاسىل بولغان نەتىجە.
<تەپەككۇر> ئۇقۇم ئاساسىدا ئانالىز، سىنتېز، ھۆكۈم، پەرەزگە ئوخشاش بىلىش پائالىيىتىنىڭ جەريان
ئوي - سۆزنىڭ بۇلىقى. ئادەم قېرار، پىكىر قېرىماس. ئۆزۈڭدىن يۇقىرىغا قاراپ پىكىر قىل، ئۆزۈڭدىن تۆۋەنگە قاراپ شۈكۈر قىل. ئوي - پىكىرنىڭ خورىشى ئۆمۈرنىڭ قىسقىرىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. تەپەككۇر بولمىسا، كۆز ھەر قانچە يوغان بولسىمۇ بىكار. ئادەمنىڭ ئېڭى ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرۈپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە ئوبيېكتىپ دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سېزىم ئىنساننى توغرا پىكىر قىلىشقا باشلايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەتراپىدىكى يەرگە قارىغاندا، سەل چۆكۈپ كەتكەن يەر.
دۆڭ
ئەتراپىدىكى يەرگە قارىغاندا، سەل كۆتۈرۈلۈپ چىققان يەر.
بىلمىگەن يەرنىڭ ئۆي - چوڭقۇرى تولا. دۆڭگە جىرىم تىكمە، ئويغا ئۆي سالما. قوناقنى دۆڭگە تېرى، بېدىنى ئويغا. ئۆزگىنىڭ ئېتى دۆڭگە چاپسىمۇ چارچىماس. ئالدىرىغاندا دۆڭگە مۈكۈپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوي، ئويمان.
1 - 69
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئوي ئات _ قارا تورۇق ئات.
1 - 69
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
مەلۇم بىر تەكشىلىككە نىسبەتەن چوڭقۇر، ئازگال، <دۆڭ> نىڭ ئەكسى.
ئوي يەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر كىشى ياكى نەرسە ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانى؛ ئۆز كۆڭلىدە، ئىچىدە قىلىنغان پىكىر، مۇلاھىزە.
بايغا كۈندە بايرام، كۈندە توي، كەمبەغەلگە كۈندە قايغۇ، كۈندە ئوي (ماقال).
بىرەر نەرسىنى ئەسكە چۈشۈرۈش، ئېسىدە، خاتىرىسىدە ساقلاش قابىلىيىتى؛ ئەس، ئەقىل.
ئۇنىڭ ئويىغا دەرھاللا ھېلىقى موللا كىشى كەلدى.
تەسەۋۋۇر، پەرەز.
ئۇنىڭ ئويىچە بولغاندا، قارىم چوقۇم ئۆزى كېلىشى كېرەك ئىدى.
مەقسەت، نىيەت، مۇددىئا.
سەن خاتا ئويدىن قايتىپ، توغرا يولغا چۈشمىگىچە ئاجرىشىشقا ھەققىڭ يوق!
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
نەيچە، تۇرۇبا
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قومۇش
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئويۇق، ئازگال، چوڭقۇر، ئويمان