UyghurMain Dictionary
ئوغرىلىق گۇناھى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ئېغىر گۇناھلارنىڭ بىرى بولۇپ، مۈلۈكنى ئىگىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ ئېلىۋالسا، ئوغرىلانغان مالنىڭ قىممىتى 10 تەڭگىدىن ئاشسا، بۇ گۇناھ شەكىللىنىدۇ. مۈلۈك ھېسابلانمايدىغان بۇيۇملار ( مەسىلەن، ھاراق، مۇزىكا) نى، مۇقەددەسلىكى تۈپەيلىدىن تاۋار ھېسابلانمايدىغان بۇيۇملار (مەسىلەن، دىنىي كىتابلار) نى ياكى ئىگىسىز مۈلۈكلەرنى ئوغرىلىۋالسا بۇ گۇناھ شەكىللەنمەيدۇ. ئوغرىلىق گۇناھى ئۆزىنىڭ ئىقرارى ياكى ئىككى گۇۋاھچىنىڭ پاش قىلىش بىلەن بېكىتىلىدۇ. بۇ گۇناھقا ھۇدۇد (مۇقىم جازا) قوللىنىلىدۇ. دەسلەپ ئوغرىلىق قىلسا ئوڭ قولى، يەنە ئوغرىلىق قىلسا سول قولى كېسىلىدۇ. داۋاملىق ئوغرىلىق قىلسا تۆۋە قىلىپ ئۆزگەرگىچە تۈرمىگە سېلىنىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە مۇنداق دېيىلگەن: <ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشىنى جازالاپ، ئاللا تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار...> (5 - سۈرىنىڭ 38 - ئايىتى).