UyghurMain Dictionary
ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئەسۋابى
جەڭ مەيدانىدىكى «كۆز»ۋە مۇھاپىزەت
ھازىرقى زامان ھەربىي جاسۇسلۇقىدا ئاخبارات توپلاش ۋاسىتىـلـىـرى بارغانسېـرى خـىـللاشـتـى، كـىـشـىـلـەر ئىـنـتـايـىـن مـەخـپـىـي سـورۇنـدا سۆھبەتلەشسىمۇ جاسۇسلاردا ئىنتايىن خىسلەتلىك »قۇلاق« − ئوغرىلىقـچـە ئاڭلاش ئەسۋابى بولغاچقا، نەچچە كىلومېتىر، ھەتتا نەچچە10 كىلومېـتـىـر يىراقلىقتىكى جاسۇسلار بۇنىڭ تەپسـىـلـىـي مـەزمۇنـىـدىـن دەرھال خـەۋەر تاپالايدۇ.
ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئەسۋابى ھەر خىل كۈندىلىك بۇيۇملار شەكلـىـدە نىقابلىنىدۇ. بەزىلىرى سائەت، چاقماق، بەزىلىرى تۈگمە، ئۈزۈك شەكـلـىـدە نىقابلىنىدۇ، بۇلارنى ئېلىپ يۈرۈش ئەپلىك بولـۇپلا قـالـمـاسـتـىـن، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئاسان تارتمايدۇ. چاتقۇچ، روزېتـكـا، كـۈلـدان، ئۈسـتـەل-ئورۇندۇق قاتارلىق ئائىلە جابدۇقلىرىغا ئورۇنلاشـتۇرۇلـىـدىـغـان نـۇرغـۇن ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئەسۋابلىـرى بـولـۇپ، ئوغـرىلـىقـچـە ئاڭـلـىـغان سىگناللارنى مىكرو ئۈنئالغۇغا ئالىدۇ ياكى ئۇلترا قىسقا دولقۇن ئارقـىـلـىـق يوللايدۇ. بەزىلىرى قەلـەمـنـىـڭ ئىـچـىـگـە ئورۇنلاشـتـۇرۇلـىـدۇ، قەلەمنىڭ بۆكىنى ئېلىپ ئارقىغا كىيگۈزسىلا، قـەلـەم ئىـچـىـدىـكـى قوبۇللىغۇچ، ئاۋاز ياڭراتقۇ ۋە سۆز يوللاش قۇرۇلمىسى ھەرىكەتكە كېلـىـپ، ئۆي ئىچىدىكى ھەربىر جۈملە سۆزنى100 مېتىردىن ئارتۇق يـىـراقـلـىـقـقـا ئېنىق ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بەزى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئەسۋابـلـىـرى دېرىـزە ۋە ئىشىكلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىشىك - دېرىزە ياكى نېپىز تامـنىـڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئۆي ئىچىدىكى سۆزنى ئاڭلىيالايدۇ.
جاسۇسلۇقتا تېلېفوننى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ. بۇنىـڭ ئاساسەن مۇنداق ئىككى خىلى بار: بۇنىڭ بىرى، تېلېفوننىڭ تۇرۇپـكـىـسـى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا نەچچە ئون گراملا كېلىدىغان ئوغرىلىقچـە ئاڭلاش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، تېلېفوندىكى سۆھبەت مەزمۇنىنىڭ ھەممىسىـنـى نەچچە100 مېتىر يىراقلىقتىكى قىسقا دولقۇن قـوبـۇلـلـىـغـۇچـقـا يولللاپ بېرەلەيدۇ. يەنە بىرى، تېلېفون سىمىغا ئىندۇكسىيىلىك ئوغرىلـىقـچە ئاڭلاش ئەسۋابى ئېسىپ قويۇلۇپ، تېلېفون سىمىغـا1 تـال سـىـم ئۇلاپ، تېلېفوننى بىۋاسىتە ئوغرىلىقچە ئاڭلاشتۇر. يەنـە بـىـر خـىـل يـىـراق مۇساپىلىق ئىندۇكسىيىلىك ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئەسۋابى بار بولۇپ، نەچچـە10 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يۈكلىمە دولقۇنلۇق تـېـلـېـفـونـنـى ئوغـرىلـىقـچـە ئاڭلىيالايدۇ. شۇنداقلا نەچچە100 مېتىر يىراقلىقتىكى ئوچـۇق سـىـمـلـىـق تېلېفوننى ئوغرىلىقچە ئاڭلىيالايدۇ، ئۇنى سىم يولىـدىـن يـىـراقـراق جـايـغـا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، بەزىلىرىدە يىراقتىن تىـزگـىـنـلـەش ئۇسۇلى قوللىنىلىـدۇ، بۇنى، يـوشـۇرۇنـراق بـولـغـاچـقـا، قـارشـى تـەرەپ ئاسـان بايقىيالمايدۇ.
پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جـاسۇسلارنـىـڭ قـۇلـىقـى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئىقتىدارى بارغانسېرى ياخـشـىلانـدى، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش بىلەن ئوغرىلىقچە ئاڭلاشقا قارشـى تـۇرۇش كـۈرىـشـى تـېـخـىـمـۇ كەسكىنلەشتى.