UyghurMain Dictionary
ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە كۈچۈڭنى خار قىل
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قەدىر - قىممىتىنى، ئىناۋىتىنى ساقلاش ئۈچۈن جاپادىن قاچماي، تىرىشىپ ئىشلەش كېرەكلىكىنى بىلدۈردىدۇ: - ئادەم ئۆزىنى خار قىلمايمەن دېسە توغرا يول تېپىش، تىرىشچان بولۇش كېرەك. «ئۆزۈڭنى خار قىلغۇچە كۈچۈڭنى خار قىل» دېگەندەك، مەن سىزگە قايىل، ئىشلىرىڭىزدىن تەسىرلەندىم، - دېدى ھەسەنجان.