UyghurMain Dictionary
ئۆزلەك
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
زامان، پەلەك. (<ئۆدلەك> كە ئوخشاش).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئالاھىدە خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئۇزاقراق ۋاقىت.
زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق. زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ. زامان ئۆزگەرسە، ئادەممۇ ئۆزگىرەر. ياشلىق دەۋر ئېسىل تاش، بىر يوقاتساڭ مەڭگۈ تېپىلماس. ھەقىقەت دەۋرنىڭ قىزى. دەۋر بىلەن تەڭ ماڭغان مەڭگۈ قېرىماس. دۇنيانىڭ سىرىنى بىلمەي دېسەڭ، ئۇزاق مەزگىل شاگىرىت بول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
زامان.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۆزلەك قامۇغ كۈفرەدى
ئەردەم ئارىغ سەۋرەدى
يۇنچىغ ياۋۇز تەۋرەدى
ئەردەم بەگى چەرتىلۈر
{زامان پۈتۈنلەي ئاينىدى،
پەزىلەت تامامەن سىيرەكلەشتى،
بولۇمسىز - ياۋۇز (كىشىلەر) تەۋرىدى،
پەزىلەت بېگى يوقىلىپ.}
زامان زەئىپلەندى، پەزىلەت ئازايدى، بۇزۇق، يامان ئادەملەر باش كۆتەردى، پەزىلەت بېگى يەنى خاقان ئافراسىياپ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق بولدى.
1 - 138
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
تۇپراقنىڭ مۇنبەت يېرى، مەھسۇلاتنى كۆپ بېرىدىغان يېرى؛ ۋاقىت، ساماۋى كۈچ، پەلەك.