UyghurMain Dictionary
ئۆزلە
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ۋاقتى كېلىش، پۇرسىتى كېلىش، كۈنى كېلىش(<ئۆدلە>، <ئۆتلە> دەپمۇ ئېيتىلىدۇ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككىنچى شەخس كىشىلىك ئالمىشى. پەقەت كىشىلەرنىڭلا ئالمىشى بولۇپ كېلىدۇ.
«سىز» ئەسلىدە «سەن» نىڭ كۆپلۈكى ئىدى. (مەن _ بىزگە ئوخشاش). ھازىر كۆپلۈك كاتېگورىيىسىدىن چىقىپ، بىرلىكنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ ئومۇمىي ۋە ئورتىچە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. لېكىن جايلار ئارا پەرق
مەن سېنى «سەن» دەپ چاقىرىمەن، شۇنداق چاقىرىشنى ياخشى كۆرىمەن. سۆيىمەن قەۋەتلە قەۋەت، ئەمما دېسەڭمۇ سەن مېنى «سىز». پۇل تاپارغا سەن تۇر، يەپ ياتارغا مەن تۇراي. ئالدىرىماڭ يارەي، سىزگىمۇ بۈگۈن بارەي. سىلىگە بىر باغاق كەپتۇ، _ دېدى خوتۇنى ئېرىغا. ئۆزلە يېقىندىن بۇيان كۆرۈنمەيلىغۇ. سىلىرى تۇرۇپ تۇرسىلا، دادامنى قىچقىراي. ئۆزلىرى قاچان كەللە.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
سىلى، ئۆزلىرى (2- شەخس كىشىلىك ئالمىشىنىڭ سىپايە تۈرى).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئالماش
سىلى، ئۆزلىرى.