UyghurMain Dictionary
ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېمەك
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
دەرد - ئەلىمىنى كىشىگە ئېيتمالماي، قاتتىق ئازابلانماق، دەرغەزەپ بولماق: زەينەپنىڭ كۆزى پات - پات ئاتا بېككە چۈشىدۇ، ئۇ بولسا غۇرت - غۇرت قىلىپ چېيىنى ئىچىدۇ. . . بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئۆز بېك ئايىم ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەيتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
دەردىنى، ئەلىمىنى كىشىگە ئېيتالماي ئىچ - ئىچىدىن قاتتىق ئازاپلانماق، دەردىنى ئىچىدە بىلمەك.
مۇشۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قازىنىڭ بېشى قېتىپ، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەپ يۈرەتتى.