UyghurMain Dictionary
ئۆزگەرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر ھالەتتىن باشقا بىر ھالەتكە ئۆتمەك، باشقىچە تۈس ئالماق، باشقىچە تۈسكە كىرمەك.
ھاۋا ئۆزگەردى. چىرايى ئۆزگەردى.
ماھىيەت جەھەتتىن ئاۋۋالقىسىغا ئوخشىمايدىغان ھالەتكە ئۆتمەك، مەزمۇنەن باشقىچە بولماق.
ۋەزىيەت ئۆزگەردى.
ئون يىلدىن بۇيان جەمئىيەت خېلىلا ئۆزگەردى.
بىرىنىڭ ئورنىغا باشقا خىلى جارى قىلىنماق، باشقا بىر خىلى بىلەن ئالمىشىلماق؛ يەڭگۈشلەنمەك.
ئۇيغۇر يېزىقى تارىختىن بۇيان بەش قېتىم ئۆزگەردى.