UyghurMain Dictionary
ئۆسمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەرتىۋىنىڭ، مەنسەپنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە قارىتىلغان.
يۇرت قوغدىساڭ ئۆسەرسەن، قوغدىمىساڭ ئۆچەرسەن. تېز ئۆرلىگەن تېز غۇلار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى توپىغا چۈشۈپ ئىسسىقنىڭ تەسىرىدىن بىخ سۈرمەك، شاخلىماق.
مۇۋەپپەقىيەت مەغلۇبىيەت تۇپرىقىدىن ئۈنەر. ۋاقتىدا تېرىلغان ۋاقتىدا كۆكلەر. يامغۇر بىلەن يەر كۆكىرەر، ئەمگەك بىلەن ئەر. كۆيگەن يەرنىڭ ئوتى تېز ئۆسەر.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پۈدىمەك،كۆپتۈرمەك، قاراپارتماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇرۇق، يىلتىز، قەلەمچە ۋە شۇنىڭدەكلەردىن ئۈنۈپ چىقماق، ئۈنۈپ راۋاجلانماق ياكى ئەسلىدىكى ھالىتىدىن ئېگىزلىمەك؛ ئاينىماق.
بىر ئوبدان ئۆسكەن زىرائەتنى بىردەمنىڭ ئىچىدە سۇ بېسىپ كەتتى.
ھايات داۋامىدا چوڭ بولماق.
ئۇ ئۆزى بىلەن بىر مەھەللىدە ئۆسكەن ھەمراھ دېگەن نامرات يىگىتنى ياخشى كۆرىدىكەن.
ئۇزۇن، ئېگىز بولماق؛ ئۇزۇنلىماق، ئېگىزلىمەك؛
ئۇنىڭ بويى خېلىلا ئۆسۈپ قالغانىدى.
يوغانلىماق، تەرەققىي قىلماق، چوڭايماق.
بالىلار ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىگە يەتكەندە ئۇلارنىڭ بەدىنى تېز ئۆسۈپ، كۈچ - قۇۋۋىتى ئارتىدۇ.
يېتىلمەك، يېتىشمەك، پەيدا بولماق.
مۇشۇ ئون يىل ئىچىدە ئابدۇكېرىم ھاجى، تۇرسۇن توختى ھاجى، ئابدۇۋايىت ھاجى قاتارلىق دورىگەرلەر ئۆسۈپ چىقتى.
ئاشماق، كۆپەيمەك، يۇقىرى كۆتۈرۈلمەك.
جىرىملارنىڭ تۇتۇش نىسبىتى 95 پىرسەنتكە يېتىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 12 پىرسەنت ئۆستى.
كۆچمە. روھلانماق، شادلانماق؛ ئۆرلىمەك.
كۆڭلى ئۆسمەك.
كۆچمە. ئەسلىدىكىسىدىن ئاشماق، يۇقىرى كۆتۈرۈلمەك، ئۆرلىمەك.
ئورنى ئۆسمەك. ئىناۋىتى ئۆسمەك. مائاشى ئۆسمەك.