UyghurMain Dictionary
ئۆكتەم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوقىلاڭ تۆھمەت بىلەن كىشىگە يولسىز چاپلىشىۋالىدىغان، غەرەز ئۇقمايدىغان.
<بىشەم> كۆپرەك ئاياللارغا قارىتىلىدۇ.
<ئىستارە>، <بەتكەردە> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
باتۇر ئاڭقاۋ كېلىدۇ. پالۋان ئۆكتەم. بىشەم خوتۇن بەش كۈنلۈك، بېزەڭ يولداش بىر كۈنلۈك. ئۇششۇق ئۇشتۇمتۇتلا ئېسىلىدۇ. مۇتتەھەم كىمنىڭ ئېشىنى يېسە، شۇنىڭ بېشىنى يەيدۇ. قەلەم بىچارە، موللا ئىستارە. بەتكەردىدىن يىراق بول.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
زالىم؛ پەرۋاسىز.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىدىغان، يولسىز.
مۆمىن، بىچارە، بايقۇش
ياۋاش - يۇمشاق، چارە - ئامالسىز، كۈچ - قۇۋۋەتسىز.
قەھرىتان سوغوقتا قاۋانمۇ مۆمىن. ئۆمەر بېگىم ئوڭدا يېتىپ پولۇ يېدى، مامۇت مۆمىن بوغداي تېرىپ دۇمبا يېدى. بايقۇشنىڭ بارىدىغان يېرى يوق، قورسىقى يېرىم ئاچ، يېرىم توق. ئۆكتەم يولداش بەش كۈنلۈك، بىشەم خوتۇن بىر كۈنلۈك. مۇتىھەم كىمنىڭ ئېشىنى يېسە، شۇنىڭ بېشىنى يەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۇششۇقلۇق قىلىپ يۈرۈپ، باشقىلارغا ئۆز تەسىرىنى، سۆزىنى ئۆتكۈزىدىغان؛ بىشەم، ئۇششۇق.
ئۆكتەم ئادەم.
بىز ئۇنداق ئۆكتەملەرگە قانۇننىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ قويىمىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ئۆكتەمجان
ئەركىن، زورلۇق قىلغۇچى، بەس قىلغۇچى، بەسلەشكۈچى، كۆز سېلىپ تۇرغۇچى
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، سۈرى با، ھەيۋىتى بار كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، سۈرى ۋە ھەيۋىتى بار كىشى.