UyghurMain Dictionary
ئۆكتەبر بۇيرۇقى
دۇنيا تارىخى
1860 - يىلى ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى قوشما شتات تۈزۈمىدىكى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش توغرىسىدا ئېلان قىلغان بۇيرۇق. 1859 - يىلى ئاۋسترىيىنىڭ ئىتالىيە ۋە فرانسىيىگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، ئىمپېرىيىنىڭ سىياسىي كرىزىسى كۈچەيگەن. مىللىي زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، 1860 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى گىروخويىسكى (پولشالىق ئاقسۆڭەك) قوشما شتاتلىق تۈزۈمى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇيرۇقتا پادىشاھ ھەرقايسى ئۆلكىلىك پارلامېنت ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلىك پارلامېنت ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان ئىمپېرىيە پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ھەمدە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى يەر ئىگىسى ئاقسۆڭەكلىرىنى قانۇن چىقىرىشقا قاتناشتۇرۇش، ۋېنگرىيىنىڭ ئوبلاستلىق پارلامېنتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدا ۋېنگرىيە تىلىنى قوللىنىشىغا رۇخسەت قىلىش بەلگىلەنگەن. بۇيرۇقتا چوڭ بۇرژۇئازلار ۋە باشقا تەبىقىدىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ھاكىمىيەتكە قاتناشسا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىكتىن، ئاۋسترىيە بۇرژۇئازلىرى ۋە ۋېنگرىيىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، بۇنىڭ بىلەن خەلق ئارىسىدا ئېتىراز بىلدۈرۈش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، نەتىجىدە گروخوپىسكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.