UyghurMain Dictionary
ئىننوسېن
دۇنيا تارىخى
(1160 - 1216) رىم پاپاسى (1198 - 1216). ئىتالىيىلىك. ئەسلى ئىسمى لوتارىئو. پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىنولوگىيە پەنلىرى ئۆگەنگەن، كېيىن بولۇنىيىگە بېرىپ قانۇن ئوقۇغان. 1185 - يىلى رىمغا قايتىپ كەلگەن. كېيىن قىزىل تونلۇق ئېپىسكوپ بولغان. پاپا كائېلېستىن دەۋرىدە ھوقۇقىدىن ئايرىلغان. ئۇ تەختكە ئولتۇرغان مەزگىلدە پاپانىڭ تەسىر كۈچى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. 1197 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى ھېنرىخ Ⅵ ئۆلگەندىن كېيىن، خوخېنشىتا يىغىن جەمەتى بىلەن ۋېلف جەمەتى پادىشاھلىق تەخت تالاشقان، ئىننوسېن بۇ ئىشقا ئارىلاشقانلارنىڭ بىرى بولۇپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گېرمانىيە فېئودالللىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئىتالىيىدىن قوغلاپ چىقارغان. 1198 - يىلى گۆدەك فرىدرىخ Ⅱ سىتسىلىيە پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئىننوسېن ئۇنىڭ ھامىيىسى بولغان. ئەمەلىيەتتە سىتسىلىيە پادىشاھلىقى (1200 - يىلىغىچە) نى كونترول قىلغان. ئەنگلىيە كېنتېر بىرى رايونىنىڭ ئارخېئېپىسكوپىنى تاللاش ئىشىدا ئەنگلىيە كورۇلى يوئان (زېمىنسىز پادىشاھ) بىلەن توقۇنۇشقان، ئاخىرىدا يوئاننى تىز پۈكتۈرۈپ ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبور قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاراگون، پورتۇگالىيە، بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پادىشاھلىرىنى بويسۇندۇرغان. 1202 - يىلى ئەھلىسەلىپنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى قوزغىغان. 1209 - يىلى ئالبىچىلارغا قارشى ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشىنى قوزغىغان. بىدئەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن، قەلەندەر راھىبلار تەشكىلاتى ۋە مەھكىمە شەرئى قۇرۇشقا مەدەت بەرگەن. يەنە تۈرلۈك نام بىلەن باج - سېلىق يىغىپ، گۇناھتىن ساقىت بولۇش تۇمارىنى كۆپلەپ سېتىپ، بايلىق توپلىۋالغان. ئۇنىڭ قىلمىشى غەربىي ياۋروپا خەلقنىڭ كەڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.