UyghurMain Dictionary
ئىنمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئېگىلمەك؛ چۈشمەك، پەسكە چۈشمەك:
بىرەر يىغلاپ ئۇلۇغ تىنسا كۈچەنىپ،
دىماغىندىن كېلۇر قان بىرلە ئىنىپ.
لۇتقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشمەك.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
چۈشمەك؛ چۆكمەك. مەسىلەن: سوغا ئىندى - سۇغا چۈشتى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چۈشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يېزت. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشمەك.
بۇنىڭدىن ھالنى بىرئاز پەھم قىلدى، پېتىپ غەم پاتقىقىغا ئاتتىن ئىندى.