UyghurMain Dictionary
ئىندېكس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىتاب -ژۇرنالدىكى ماۋزۇلار ياكى مۇھىم مەزمۇنلارنى يېزىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنى ۋە بەت نومۇرىنى يېزىپ، مەلۇم تەرتىپتە تۈزۈپ چىقىلغان جەدۋەل.
<رويخەت> كۆپىنچە كىشى ناملىرى تىزىملىكىنى كۆرسىتىدۇ.
<تۈركىي تىللار دىۋانى> ئىندىكىسى ئىشلەنمەكتە. <تارىم> نىڭ ھەر يىللىق تىزىمى ئىشلەندى. < ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىداش سۆز - ئىبارىلەر لۇغىتى> كۆرسەتكۈچى مەلۇم سەۋەب بىلەن بېرىلمەي قالدى. <ماركس - ئېنگلېس ئەسەرلىرى> دىكى مەشھۇر شەخسلەر رويخېتى ھەرقايسى تومدا بېرىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
>ئەد< گېزىت - ژۇرنال، كىتاب، ئەسەرلەر، ئۇلاردىكى سۆز - ئىبارىلەر قاتارلىقلارنى ئۆز تۈرى بويىچە ياكى مەزمۇن - مەنىسى بويىچە خاتىرىلىۋېلىپ، ھەربىرىنىڭ بەت نومۇرىنى كۆرسىتىپ، بەلگىلىك رەت - تەرتىپ بويىچە رەتلەپ چىقىپ، كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان ماتېرىيال.
كىتابلار ئىندېكىسى. تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئىندېكىسى.
>مات< ئاساسەن بەلگە ئاستىغا قويۇلىدىغان ھەرپلىك ياكى سانلىق كۆرسەتكۈچ.