UyghurMain Dictionary
ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىك
پسىخولوگىيە
بۇ پسىخولوگىيىدە بىر شەخسنىڭ مۇقىم پسىخىك ئالاھىدىلىكلىرى مەجمۇئىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: خاراكتېر، قىزىقىش، ھەۋەس قاتارلىق پسىخىك ئالاھىدىلىكلەر مەجمۇئى شەخسنىڭ ئىندىۋىدۇئال پسىخىك ئالاھىدىلىكى ياكى ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىك دېيىلىدۇ. ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىك بىر كىشىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تەبىئىتى نېگىزىدە، بەلگىلىك ئىجتىمائىي تارىخىي شارائىت ئاستىدا، ئىجتىمائىي ئەمەلىي پائالىيەت ئارقىلىق شەكىللىنىپ تەرەققىي قىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى سىنىپىي چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. لېكىن بىر سىنىپقا تەۋە كىشىلەردىمۇ ئۇلارنىڭ كەچۈرگەن تۇرمۇش پەرقىگە قاراپ، يەنە بىر - بىرىدىن پەرقلىنىش بولىدۇ. دېمەك، ھەر بىر كىشىنىڭ ئىندىۋىدۇئال ئالاھىدىلىكى بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.