UyghurMain Dictionary
ئىلىنماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئىلىنماق، تورغا چۈشمەك، قولغا چۈشمەك:
كىرىپ سۆز ئىشىتتىم بۇ شەھ دارىغە،
خىيالىم ئىلىنسەم ئانىڭ تارىغە.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئىلماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
نادان تۈلكە تۇمشۇقىدىن ئىلىنار (ماقال).
يېقىن كەلمەك، ئولاشماق.
ھارغىنلىق يەتكەنلىكتىن ياستۇققا بېشىمنى قويۇشۇم بىلەنلا كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىندى.
ئالدانماق، قىلتاققا چۈشمەك.
بىراق، ئۇ قاسىمنىڭ ئۆزىدىن بالدۇرراق ئىلىنىپ قالىدىغانلىقنى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ ئويلىمىغانىدى.