UyghurMain Dictionary
ئىلىندى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئىلىندى.
تىكەن تونقا ئىلىندى _ تىكەن تونغا ئىلىندى ( ئىلىنۈر _ ئىلىنمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
تابدۇ ماڭا ئىلىندى
ئەمگەك كەرۈ ئولىندى
قىلمىشىڭا ئىلەندى
تۇتغۇن بولۇپ ئول قاتار
{تابدۇ ماڭا ئەسىر چۈشتى،
جاپا - مۇشەققەت چېكىپ تولغاندى.
قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدى،
ئۇ تۇتقۇن بولۇپ قىينىلىۋاتىدۇ.}
دۈشمەن ماڭا ئەسىر چۈشتى، بېشىغا كەلگەن جاپا - كۈلپەتتىن قىينالدى، ھەتتا جېنىدىن تويدى، قىلمىشىغا پۇشايمان يېدى ۋە ئۆز - ئۆزىنى ئەيىپلىدى، بۇرۇن ئەركىن ئۆتكەن ئادەمگە بۇ ئىشلاربەك ھار كېلىۋاتىدۇ. ئەر ياغىقا ئىلىندى _ ئادەم دۈشمەنگە ئەسىر چۈشتى. كەيىك تۇزاققا ئىلىندى _ كېيىك (ئوۋ) تۇزاققا ئىلىندى.
1 - 275