UyghurMain Dictionary
ئىلەشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
سۇيۇق ھالەتتىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىلەر بىر - بىرىگە قوشۇلۇپ كەتمەك، ئارىلاشماق.
قوناق ئۇنى بىلەن بۇغداي ئۇنى ئىلىشىپ قاپتۇ.
كىشىگە ئارىلاشماق، قوشۇلماق.
ئۇ بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيان ھېچكىمگە ئىلەشمەي غادىيىپ يۈرۈۋەردى.
بىرەر ئىشتا، ھېسابتا ئاداشماق.
ھېسابتا ئېلىشىپ قالماق.
ئەقلىدىن ئازماق، نېرۋىسى قالايمىقانلىشىپ، ساراڭ بولۇپ قالماق.
ئۇ بالا ئانىسىدىن كېيىن قېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئىلىشىپ قالدى.