UyghurMain Dictionary
ئىلەنچ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
سەتلەشمەك، ئەسكىلىك قىلماق؛ رەنجىتمەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۈز ئەمەس، ھەر تەرەپكە ئېگىلگەن.
ھەممىلا ئەگرى ياغاچ با بولىۋەرمەيدۇ. ئەگرىنىڭ سايىسىمۇ ئەگرى. ئەگرى قوزۇققا دوناي توقماق. ئەگرى سۆز باش يارار. ھاسىنىڭمۇ ئەگرى - بۈگرىسى بار. ساياھەتچىلەر چۈشكەن ئاپتوبۇسلار ئەگرى - توقاي تاغ يولىدا توختىماي ئىلگىرىلەيتتى. قىڭغىر ئىش قىرىق يىلىدىن كېيىنمۇ بىلىنەر. قىڭغىر پۇتاققا ئۆتكۈر پالتا. قارىغۇغا قىسىق كۆزمۇ سۇلتان. قىيسىق بولساڭ، قىرلىنىسەن. قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار. قىڭغىر - قىيسىق ياغاچمۇ تۈز كۆيىدۇ. سىڭايان قارىغانغا تۈز سىڭايان كۆرۈنەر. قومۇشنى قىيا تۇتما قولۇڭنى كېسىدۇ. قىيپاش ياغاچ لىم بولماس. يانتۇرنىڭ سايىسىمۇ يانتۇ. ئەگمەچ تاياق ھاسا بولماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۆزى بىلەن چېقىۋېلىش.
سەن ئالدىمدا كۈلۈپ، كەينىمدىن تاپا قىلما. سەتنى تەنە قىلىپ خارلىما. تاپا - تەنىنىڭ ئاخىرى جاڭجال. چەككىنىم جەبىر - جاپا، ئاڭلىغىنىم تەنە - تاپا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
جېمىلەش، تەنە، تاپا.
مەسلىھەت بەرگۈچىنىڭ مەسلىھىتى خاتا بولۇپ قالسا، تەنە قىلىش.
1 - 179
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەگرى - توقاي، ئەگرى - بۈگرى.
ئىلەنچ يول _ ئەگرى - توقاي يول، تۈز بولمىغان يول.
3 - 609
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاپا - تەنە.
بۇزۇقلۇقى مەلۇم بولۇپ قالغان بىر ئشتا يول كۆرسەتكەن كىشىنى ئەيىبلەش، تاپا - تەنە قىلىش.
3 - 609