UyghurMain Dictionary
ئىجادكار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىجاد قىلغۇچى، كەشىپ قىلغۇچى، ئىجادىيەت، كەشپىيات ياراتقۇچى.
ئىجادكار ئۆلمەيدۇ، ئىجادى بىلەن ياشايدۇ. ئىجادچىلار - خەلق بەختىنى كۆزلىگۈچىلەر. كەشپىياتچى ئۆز بەختىنى قۇربان قىلىپ، خەلققە بەخت ياراتقان. ئىختىراچىلار - ئەلنىڭ سەركىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىجاد قىلغۇچى ئادەم، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچى كىشى، ئىجادچى، ئىجادىيەتچى.
ھازىر مويدىن ئاكا بىلەن بىرگە ئىشلەۋاتىمىز. ئۇ ھەقىقەتەن مۇزىكا ئىجادكارى ئىكەن.