UyghurMain Dictionary
ئىجادىيەت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش. بۇ خىل ئىجادىيەت ئاپتورنىڭ بەلگىلىك دونيا قارىشى ئاساسىدا بولىدۇ. شۇنداقلا بەلگىلىك سىنپىي مەيداندا تۇرۇپ ئىش ئېلىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ ئىجادىيتى ئىجدىمائىي تۇرمۇشنى كۆزىتىش، تاللاش، تەتقىق قىلىش ئارقىسىدا مول ماتىرياللارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئوبرازلىق ، جانلىق بەدىئىي ئەسەرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاددىيلا بىر ئىش ئەمەس. بەلكى تۇرمۇشنى قانداق ئەكس ئەتتۈرۈش مەسىلىسىدىن ئىبارەت چوڭ ئىش. جۈملىدىن ئۇ مۇرەككەپ ۋە مۇشەققەتلىك مەنۋى ئەمگەك جەريانىدىن ئىبارەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىجاد قىلىش، كەشىپ قىلىشقا باغلىنىشلىق پائالىيەت، نەتىجە.
<ئىجادىيەت> كۆپىنچە ئەدەبىيات، سەنئەتتە ئىجادىي نەتىجىگە قارىتىلىدۇ.
<كەشپىيات> تەبىئەت، جەمئىيەتنىڭ سىرىنى ئېچىشقا قارىتىلىدۇ.
ھازىرقى مەۋجۇت تۇرۇۋاتقان نەرسىلەنرىڭ ھەممىسى ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتنىڭ مېۋىسىدۇر. ئەمەلىيەت بولمىسا، كەشپىيات بولماس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئىجادىي ئىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پائالىيەت؛ ئىجاد.
بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ سېپىمىز بىر تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت يۇرتىغا ئايلانغۇسى.
بىرەر ژانىر ياكى شەخسكە مەنسۇپ ئەسەرلەر يىغىندىسى.
ئۇنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ئىجادىيىتى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالغۇسى.