Chinese→UyghurMain Dictionary
一向宗暴动
دۇنيا تارىخى
يىشياڭ مەزھىپى قوزغىلىڭى
ياپونىيە مۇروماچى دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن ئازۇچى مومۇياما مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا، يىشياڭ مەزھىپى (جىڭتۇجېن مەزھىپى) گە ئېتىقاد قىلغۇچى دېھقانلار ئاساس قىلىنغان فېئوداللىققا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ. يىڭرېن مالىمانچىلىقىدىن كېيىن، سۇيۇرغاللىق تۈزۈمىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا، يېزا - كەنت تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىساد بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان جايلاردا بۇ مەزھەپ تېز كېڭەيگەن. بېنيۇەن ئىبادەتخانىسىنىڭ 8 - ئەۋلاد ئاقساقىلى رېننيو (1514 - 1499) كاگا (ھازىرقى ئىسمىنكاۋا ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا) غا كەلگەندىن كېيىن، مەزكۇر دىنىي تەشكىلاتنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورايغان، ئۇنىڭغا دېھقانلاردىن باشقا، يېزا سامۇرايلىرى ۋە سودا - سانائەتچىلەرمۇ قاتناشقان. مەزكۇر مەزھەپنىڭ مۇرىتلىرى فېئودال بەگلەر بىلەن قارىمۇ - قارشى بولغاچقا قوزغىلاڭ كىكى، توكاي، خوكۇرىكۇ قاتارلىق جايلاغىچە كېڭەيگەن. 1488 - يىلى كاگادا قوزغالغان يىشاڭ مەزھىپى قوزغىلىڭى، ئامبال فۇجيەن جېڭچىننى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئۇلار قۇرغان ھاكىمىيەت 90 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن. يۆچيەن (ھازىرقى فۇكۇي ناھىيىسى)، يۆجۇڭ (ھازىرقى توياما ناھىيىسى)، نېڭدېڭ (ھازىرقى ئىشكاۋا ناھىيىسى) قاتارلىق جايلاردا مۇرىتلر تەشكىلاتى قۇرۇلغان. 1570 - يىلى شىشاندىكى بېنيۈەن ئىبادەتخانىسىنىڭ مۇرىتلىرى ئۇدا تۇبۇناگىغا قارشى جەڭ قىلغان. تارىختا بۇ جەڭ <شىشەن ئۇرۇشى> دەپ ئاتالغان. جايلاردىكى بېنيۈەن ئىبادەتخانىلىرىنىڭ مۇرىتلىرى بەس - بەستە ئاۋاز قوشقانلىقتىن ئۇدا نوبۇناگا تاكى 1580 - يىلىغا بارغاندىلا شىشەندىكى بېنيۈەن ئىبادەتخانىسىنى ئىشغال قىلغان. 1582 - يىلى كاگا ھاكىمىيىتىنىمۇ يوقاتقان. بىر ئەسىر دېگۈدەك داۋام قىلغان يىشياڭ مەزھىپى قوزغىلىڭى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان.