UyghurMain Dictionary
ئەسكىلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىرگىنىچلىك خۇي - ھەرىكەت.
پەسلىكتە كامال يوق، رەزىللىكتە ئىمان يوق. پەسكەشلىك بىلەن ياشىغاندىن ئوچۇق - يورۇق ئۆلگەن ئەلا. ئاجىزنى بوزەك قىلغاندىن ئارتۇق رەزىللىك يوق. خەقنى ياخشى تاماق بىلەن كۈت، ئەسكىلىك قىلىشقا زورلىما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يامان - ئەسكى ھالەت، قىلىق.
يامانلىقنى ئامانلىق يېڭەر. يامانلىق - ياۋنىڭ تامغىسى. يامانلىق تېرىغان يامانلىق كۆرەر. يامانلىق قىلساڭ، يامانلىق كۆرۈسەن. ناچارلىقتىن يىرگىنىدۇ، ياخشىلىققا تەلپۈنىدۇ. ئوساللىق ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. بۇزۇقلۇق يۇرت بۇزىدۇ. ئەسكىلىكنىڭ يىلتىزى ھۇرۇنلۇق. قەبىھلىك تېرىساڭ، ئۆچمەنلىك يىغىسەن. قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولدۇڭ، يەنە نېمە كېرەك؟
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يامان ئىش - ھەرىكەت، يامان ئىللەت.
ياخشىلىق، ئۈزگۈلۈك، ئېسىللىك
ياخشى ئىش - ھەرىكەت، ياخشى خىسلەت.
ياخشىلىقنى بىلمىگەن كىشىدىن ياخشىلىقنى بىلگەن كۈچۈك ئارتۇق. يامانلىق تېرىغاننى يامانلىق ئۇرار. ئادەم ياخشىلىقنى ئۇنتار، يامانلىقنى ئۇنتۇماس. يامانلىققا يامانلىق، ياخشىلىققا ياخشىلىق. تەمەخورلۇق ھەممە ئەسكىلىكنىڭ ئەسكىسى. ئەزگۈدىن ئەزگۈلۈك كېلەر، ياۋۇزدىن ياۋۇزلۇق. ياخشىلىقىڭ تەگكەن كىشىنىڭ ياۋۇزلۇقىدىن ساقلان. ياخشىلىق قولۇڭدىن كەلمىسە، يامانلىق قىلما. بۇمۇ ياخشىلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەدەپسىزلىك، قىلىقسىزلىق، يامانلىق، ئوساللىق.
دۇنيادا ۋەدىسىدە تۇرمىغاندىن ئارتۇق ئەسكىلىك بارمۇ؟