UyghurMain Dictionary
ئەسكىيە سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1493 - 1591) غەربىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلار سۇلالىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى قۇرغان مۇھەممەد تۇرې ئەسلىي سوڭھاي ئىمپېرىيىسىنىڭ ساننى سۇلالىسىدە سانغۇن بولغان. 1493 - يىلى قوشۇن باشلاپ ھوقۇق تارتىۋېلىپ، ئەسكىيە نامىنى ئىشلەتكەنلىكتىن سۇلالە <ئەسكىيە سۇلالىسى> دەپ ئاتالدى. ئۇ مەندې مۇسۇلمانلىرىنى ئاساس قىلىپ، ئۆلىمالار ۋە سودىگەرلەرنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى. 1497 - يىلى جىھاد نامى بىلەن سىرتقا كېڭىيىپ، پايتەخت گائو (ھازىر مالنىڭ چېگرىسى ئىچىدە) نى مەركەز قىلىپ، نىگېر دەرياسى ۋادىسىدىكى كەڭ رايوننى ئىشغال قىلدى. دۆلەت ئىگىلىكى تەرەققىي قىلدى. تېمبۇكتۇ، جېننى، ۋالاتا قاتارلىق شەھەرلەر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندى. مۇھەممەد تۇرې ۋاپات بولغاندىن كېيىن، قالايمىقانچىلىق ۋە ئىچكى ئۇرۇش پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئىسھاق (1539 - يىلىدىن 1546 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) داۋرىدە بىرلىكنى ۋە گۈللىنىشنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى. ماراكەشتىكى ئەسەد سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى مەۋلەي ئەھمەد مەنسۇر (1578 - يىلىدىن 1603 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) 1590 - يىلى ئەسكەر ئەۋەتىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئىككىنچى يىلى گائونى ئىشغال قىلدى. ئەسكىيە سۇلالىسى يوقىتىلدى.