UyghurMain Dictionary
ئەقىللىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقىل - پاراسىتى بار، ئەقىلگە ئىگە.
ئەقىللىق ھەم ئالدىماس، ھەم ئالدانماس. ئەقىللىقنىڭ يۈكى ئەخمەقنىڭ بوينىدا. بىر ئەقىللىق باش مىڭ باشنى قۇتۇلدۇرار. ئىدراكلىق بىلەن ئەخلاقلىق بىر - بىرىگە ھەمىشە مۇۋاپىق كېلىدۇ. پاراسەتلىككە بالا - قازا يولىماس. زېھنلىق ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقلى - ھوشى جايىدا، پەم - پاراسىتى بار.
ئەقىلسىز، پاراسەتسىز، پەمسىز
ئەقلى، پەم - پاراسىتى كەم ۋە ياكى يوق.
ئەقىللىق ئالدىماس ھەم ئالدانماس. پاراسەتلىككە بالا - قازا يولىماس. پاراسەتسىز پاراڭچى كېلىدۇ. ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەقىلسىز خوتۇنىنى. ئەقىلسىز بىلەن پولۇ يېگۈچە، ئەقىللىق بىلەن تاش توشۇ. ئەقىللىق ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئەقىلسىز چۈشىگە. پاراسەتلىك ئۆزىنى ئەيىبلەر، پاراسەتسىز ئۆزگىنى. پەملىك ئىش پۈتتۈرەر. پەمسىز پەلەمپەيدىن يىقىلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەقلى بار، كاللىسى ئىشلەيدىغان، ئۆتكۈر، ھوشيار، زېرەك.
ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر، نادان دوستىنى ئەيىبلەر (ماقال).
ئەقىل بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن، بىلىملىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان.
مانا بۇ ئەقىللىق گەپ. تازا توغرا ئېيتتىڭ.