UyghurMain Dictionary
ئەقىل يېشى
پسىخولوگىيە
ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ مەلۇم ياشتىكى سەۋىيىسىدىن ئىبارەت. مەسلەن: تولۇق بەش ياشلىق بالا بەش ياشلىقلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سىناقتىن ئۆتسە، ئۇنىڭ ئەقىل يېشى بەش ياش بولىدۇ. ئەگەر ئالتە ياشلىقلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سىناقتىن ئۆتسە، ئۇنىڭ ئەقىل يېشى ئالتە ياش بولىدۇ. ئەگەر بەش ياشلىقلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سىناقتىن ئۆتەلمەي، تۆت ياشلىقلار گۇرۇپپىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سىناقتىن ئۆتسە، ئۇنىڭ ئەقىل يېشى تۆت ياش بولىدۇ. بالىنىڭ ئەقىل يېشى ئەمەلىي يېشىدىن قانچە يۇقىرى بولسا، تەرەقىيات سەۋىيىسى شۇنچە يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە ئەقىل يېشى ئەمەلىي يېشىدىن قانچە تۆۋەن بولسا، تەرەققىيات سەۋىيىسى شۇنچە تۆۋەن ھېسابلىنىدۇ.