UyghurMain Dictionary
ئەپسانىۋى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ئەپسانىلەشتۈرۈلگەن، ئەپسانىگە ئائىت.
ئەپسانىۋى ھېكايە. ئەپسانىۋى گەپ.
پەقەت ئەپسانىلەردىلا مەۋجۇت بولغان، ئالەمدە يوق، خىيالىي.
<ئىراق مۇقامىنىڭ باشلىنىش مۇزىكىسى>نىڭ تېكىستىدا مۇھەممەت سىدىق زەلىلىنىڭ ئەپسانىۋى جەننەتنى رەت قىلىدىغان، ئالەمگە تەبىئەت كۆز قارىشى بىلەن نەزەر تاشلايدىغان شېئىرىي جۈملىلىرىنى ئۇچرىتىمىز.
كۆچمە. ئەقىلگە سىغمايدىغان، مىسلى كۆرۈلمىگەن، ئويدۇرما، توقۇلما.
ئەپسانىۋى گەپ.