UyghurMain Dictionary
ئەپسانە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
(پارسچە فىسۇن، فۇسۇن، سېھىر، ئەۋرەش، مىكىر سۆزىدىن)
بىر تارىخىي ھادىسە ياكى كەچمىش ۋەقەنى فانتازىيىلىك تەرزدە تەسۋىرلىگۈچى ئەسەر.
ئەپسانە قەدىمكى خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنىڭ ئېپىك ژانىرلىرىدىن بىرىدۇر. قەدىمكى ئەپسانىلەرنىڭ كۆپى قەھرىمانلىق ئەپسانلىرى بولۇپ، ئۇلار خەلىقىنىڭ چەت ئەل باسقۇنچىلىرىغا قارشى جەسۇرانە كۈرەشلىرى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. قەدىمكى گرېك تارىخچىسى گېرودوتنىڭ <تارىخ> كىتابى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن <تۇمارىس> ئەپسانىسى، رىم تارىخچىسى پولىئەننىڭ <ھەربىي ھىيلىلىرى> ئەسىرى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن <شىراق> ئەپسانىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئاھالىسىنىڭ چەت ئەل باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ھېكايە قىلغۇچى ئەسەرلەردۇر.
قەھرىمانلىق ئەپسانىلىرى بىلەن بىرگە ئىشقى - ھەجۋىي ئەپسانە تۈرلىرىمۇ بار، خىسراۋ، شېرىن، مەجنۇن ۋە باشقىلار ھەققىدىكى ئەپسانىلەر شەرق خەلىقلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە بۇلار يازما ئەدەبىياتتا يىرىك ئېپىك ئەسەرلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ئاساس بولغان. يازغۇچىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە، نۇرغۇن ھاللاردا، مۇشۇنداق خىيالىي ھېكايە ۋە رىۋايەتلەردىن ئىجادىي ھالدا پايدىلانغان. مەسىلەن: ئەلشىر ناۋايىنىڭ <خەمىسە> سىدىكى بەھرام ئەپسانىسى، ئىسكەندەر ئەپسانىسى ۋە باشقىلار بۇنىڭغا روشەن مىسا بولالايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان، خەلق ياراتقان فولكلورغا كىرىدىغان ھېكايە - قىسسە، نەقىللەر.
رىۋايەتتە كۆپىنچە تارىخىي ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ.
ئەپسانىدە قەھرىمانلىق ۋەقەلىرى فانتازىيىلىك رەۋىشتە تەسۋىرلىنىدۇ.
چۆچەكتە ئىجتىما
«كۆچ» رىۋايىتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت رىۋايەتلەر ئىچىدە ئەڭ مۇھىم رىۋايەت. ئۇيغۇرلار بۆرە (كۆك يايل) نى توتېم قىلغاندىن بېرى، توتېم ھەققىدە بىر مۇنچە ئەپسانىلەر توقۇلغان. «ئۇر توقماق» چۆچىكى بىزدە كەڭ تارالغان، بىلمەيدىغان كىشى يوق دېيەرلىك. ئابدۇكېرىم راخمان يازغان «يىپەك يۇرتىدىكى ئەپسانە - رىۋايەتلەر» دە ئۇيغۇر ئەپسانىلىرى ۋە رىۋايەتلىرىدىن ئۈلگىلەر بېرىلگەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەقىقىي، رېئال ئەھۋالغا ئۇيغۇن بولمىغان، ئويدۇرۇپ چىقىلغان، خاتا.
ھەقىقەت
ھەقىقىي داۋلى، يەنى ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتى، ئادەمنىڭ ئېڭىدىكى توغرا ئىنكاسى.
ھەقىقەت - ئەقىل چىرىغى. ھەقىقەتنىڭ ھېسابى ئۆزگەرمەيدۇ. ھەقىقەت يولىدا ئازاب چېكىشمۇ شەرەپ. ھەقىقەتنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ئەمەلىيەت. ھەقىقەت ئاياشنى خالىمايدۇ. ھەقىقەت مېھرىبانلىقنى تىلىمەس. خەقنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتنى ياقلايدۇ، يەپ - ئىچىشكە كەلگەندە كىم كىمنى ياقلايدۇ. ئويدۇرما ھەقىقەتكە دۈشمەن. ھەقىقەت ئىككى پۇت بىلەن تۇرار، سەپسەتە بىر پۇت بىلەن. ئەپسانە ھەقىقەتتىن يىراق. سەپسەتە بىردەملىك، ھەقىقەت مەڭگۈلۈك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئېغىزدىن ئېغىزغا، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا كۆچۈپ كېلىۋاتقان سىرلىقلاشتۇرۇلغان ھېكايە؛ رىۋايەت، داستان.
يۇنان ئەپسانىلىرى.
كۆچمە. ئاساسسىز گەپ، ئويدۇرما.
مۇراتبېك تاغىنىڭ ئېيتىپ بەرگەنلىرى بىر ئەپسانە ئىدى.
كۆچمە. ئەقىلگە سىغمايدىغان، مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن، مىسلى كۆرۈلمىگەن نەرسە، ئىش.
ھازىرقى زامان پېننىڭ تەرەققىياتى ئەپسانىلەرنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.