UyghurMain Dictionary
ئەپلاتون
يۈز مەشھۇر شەخىس
مىلادىدىن بۇرۇن427 - 347
گرېتسىيلىك ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئەپلاتون غەرب سىياسىي پەلسەپىسىنىڭ باشلىنىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەخلاقىي قاراش ۋە مىتافىزىكا (دۇنيانىڭ تۈپ ئاساسىي توغرىسىدا) نىڭ ئاساس سالغۇچىسى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىدىيە ۋە ئۇقۇملىرى تەتقىق قىلىنىۋاتقىلى 2300 يىل بولدى، شۇڭلاشقا ئەپلاتون غەرب ئىدىيىسىنىڭ پېشۋاسى دەپ قارىلىدۇ.
ئەپلاتون تەخمىنەن مىلادىدىن 427 يىل بۇرۇن گرېتسىيىنىڭ ئافىنادا بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش مەزگىلىدە ئۇلۇغ پەيلاسوپ سوقرات بىلەن تونۇشىدۇ، كېيىن سوقرات ئەپلاتوننىڭ دوستى ھەم ئۇستازى بولۇپ قالىدۇ.
مىلادىدىن 399 يىل بۇرۇن، سوقرات ئافىنا ياشلىرىنى چىرىتكەن دەپ ئەيپلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ 70 ياشتا ئىدى. ئەپلاتون سوقراتنى <ھاياتىمدا كۆرگەن ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ ئادىل، ئەڭ مەشھۇر ئادەم> دېگەنىدى. سوقراتنىڭ ئۆلۈمى ئەپلاتۇننىڭ دېموكراتىك ھاكىمىيەتكە بولغان غەزىپىنى قوزغايدۇ.
سوقرات ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئەپلاتون ئافىنادىن ئايرىلىپ، 12 يىللىق سەيياھلىق ھاياتىنى باشلىۋەتتى. مىلادىدىن تەخمىنەن 387 يىل بۇرۇن ئۇ ئافىناغا قايتىپ كېلىپ مەكتەپ قۇرىدۇ، بۇ ياۋرۇپا تارىخىدىكى تۇنجى مۇقىم مەكتەپ ئىدى، بۇ مەكتەپ 900 يىلغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، شۇندىن ئېتىبارەن، ئەپلاتون 40 يىللىق ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئافىنادا ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، بىر تەرەپتىن پەلسەپە ئەسەرلىرىنى يېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئەڭ مەشھۇر ئوقۇغۇچى ئارېستوتىل، ئۇ 17 ياش ۋاقتىدا ئەپلاتون 60 ياشقا كىرىپ قالغانىدى. ئەپلاتون مىلادىدىن 347 يىل بۇرۇن، 80 يېشىدا ۋاپات بولغان.
ئەپلاتوننىڭ 36 پارچە ئەسىرى بار، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سىياسىي، ئەخلاق قارىشى توغرىسىدا يېزىلغان، مېتافىزىكا (دۇنيانىڭ تۈپ ئاساسىي) ۋە تېئولوگىيە توغرىسىدا يېزىلغانلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئومۇمتۈزلۈك چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس، بىراق، ئۇنىڭ <دۆلەت ھەققىدە> دېگەن كىتابىدىن ئۇنىڭ غايىلىك جەمئىيەت توغرىسىدىكى قارىشىنى ئومۇملاشتۇرۇپ چۈشەنگىلى بولىدۇ.
ئەپلاتون ئەڭ مۇكەممەل دۆلەت شەكلى ئاقسۆڭەكلەر دۆلىتى دەپ قارايدۇ. بۇ يەردە كۆرسىتىلگىنى ۋارسلىق ۋە پادىشاھلىق شەكلىدىكى دۆلەت بولماستىن، سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارىغا تاينىدىغان ئاق سۆڭەكلەر شەكلىدىكى دۆلەت، يەنى ھاكىمىيەت ھوقۇقى دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ مەشھۇر ئادەمنىڭ قولىدا بولۇش كېرەك؛ بۇ ئادەملەرنى ئاۋام ئاۋاز بېرىپ سايلىماستىن، مەلۇم تاللاش پرىنسىپى بويىچە تاللاش كېرەك؛ ھۆكۈمران قاتلام ئەزالىرى ياكى <قانۇنلۇق ھاكىميەت تۇتقۇچى> نىڭ سالاھىيەت ۋە ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئاساسىدا لاياقەتلىك ئادەملەرنى ئۆز قاتلىمىغا كىرگۈزۈش كېرەك.
ئەپلاتون بارلىق ئادەملەر، ئۇنىڭ ئەر - ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھۆكۈمران قاتلامنىڭ ئەزاسى بولالىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز قابىلىيىتىنى كۆرسىتىش پۈرسىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ (بۇنىڭدىن بىز ئەپلاتۇننىڭ ئەر - ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلغان تۇنجى پەيلاسوپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز). پۇرسەتنىڭ باراۋەرلىكىگە كېپىللىك قىلىش ئۈچۈن، ئەپلاتون دۆلەت بالىلارنى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بالىلار ئالدى بىلەن ئومۇميۈزلۈك تەنتەربىيە مەشقى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، بىراق مۇزىكا، ماتېماتىكا ۋە باشقا پەنلەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ ھەمدە ھەر قايسى باسقۇچتا كەڭ دائىرىدە ئىمتىھان ئېلىپ تۇرۇش كېرەك. ئىمتىھان نەتىجىسى ئادەتتىكىدەك بولغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي ئىگىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قويۇش كېرەك. نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلار داۋاملىق ئوقۇپ، ئەپلاتون كۆرسەتكەن تىپىك مېتافىزىكا ئاساسلىرىنى ئۆگىنىشى كېرەك.
35 ياشقىچە ئۆگىنىپ، بۇ نەزەرىيىلەرنى ھەقىقەتەن ئىگىلەپ بولغانلىقىنى ئەمەلىيەت ئىسپاتلاپ چىققان ئادەملەرگە ئۈزلۈكسىز ھالدا 15 يىللىق قوشۇمچە چېنىقىش پۇرسىتى بېرىپ، ئۇلارنى ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبىسىگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ <قانۇنلۇق ھاكىمىيەت تۇتقۇچى> قاتلىمىغا كىرىش - كىرەلمەسلىكى ئۇنىڭ ئۆگەنگەن نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىشلىتىش - ئىشلەتمەسلىكىگە، ياكى ئۇلارنىڭ بۆلىدىغانلىقى روشەن ئىپادىلەنگەن - ئىپادىلەنمىگەنلىكىگە باغلىق.
قانۇنلۇق ھاكىميەت تۇتقۇچى قاتلىمىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ھەر بىر كىشى ھازىرلايدۇ. ئۇلارنىڭ بايلاردىن بولۇشى ھاجەتسىز، ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز مۈلكى بولۇشقا يول قويۇلىدۇ. مۇقىم ئىش ھەققى بولسا بولىدۇ، بىراق سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئالتۇن - كۈمۈش ۋە مال - دۇنياغا ئىگە بولۇشىغا بولمايدۇ، بىرگە تاماق يەيدىغان، ئورتاق خوتۇن، ئورتاق ئەر بولغان ئائىلىسى بولۇشقا بولمايدۇ. بۇ ھۆكۈمران قاتلىمىغا ماددىي مۇكاپات بېرىشكە بولمايدۇ، پەقەت مەنىۋى مۇكاپات بېرىلىشى كېرەك، ئۇلار جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش جەريانىدا مەنىۋى ھوزۇر ئېلىشى كېرەك.
ياۋروپادىكى ھېچقانداق بىر دۆلەت ئەپلاتوننىڭ پرىنسىپىنى يولغا قويالىغىنى يوق. بىراق، بۇ جەھەتتە بىز ئوتتۇرا ئەسىردىكى كاتولىك چېركاۋىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتەيلى، ئەينى ۋاقىتتا، كاتولىك چېركاۋدىكى دىنىي ئەربابلارنىڭ ھەممىسى پەلسەپىۋى مەدەنىيەت تەربىيىسى كۆرگەن بىلىم ئىگىلىرى قاتلىمىدىن كەلگەن، ئەر خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ توي قىلىشى مەنئى قىلىنغان، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى كەڭ خەلق ئاممىسى ئىدى.
ئەپلاتوننىڭ ئامېرىكىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بار. ئامېرىكا قانۇنىنىڭ مەلۇم ماددىلىرىدا: <دۆلەت ئامال قىلىپ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ھۈرمەت قىلىدىغانلارنى بايقىشى، ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ مەشھۇر ئادەملەرنى دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللاش كېرەك> دەپ بېكىتىلگەن.
ئەپلاتوننىڭ تەسىرى ۋە نوپۇزى ئۇزاققىچە يوقالمايدۇ. ئۇنىڭ ئەخلاق نەزەرىيىسى ۋە سىياسىي نەزەرىيىسى كېيىنكى نۇرغۇن پەيلاسوپلارغا تەسىر كۆرسەتتى.
مېنىڭ ئەپلاتوننى ئارېستوتېلنىڭ كەينىگە تىزىشىمدىكى سەۋەب، ئارېستوتېل ئالدى بىلەن ئالىم ئاندىن پەيلاسوپ بولغانلىقىدا، مېنىڭ ئەپلاتوننى ۋولتېر ياكى لوكنىڭ ئالدىغا تىزىشىم، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئەسەرلىرى دۇنياغا ئىككى، ئۈچ ئەسىر تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، ئەپلاتوننىڭ تەسىرى 23 ئەسىر داۋاملاشقانلىقىدا.
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى 427 - 347) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. دادىسى ئارىسدون، ئانىسى بىركتېنىنىڭ ھەر ئىككىسى ئاقسۆڭەك جەمەتىدىن ئىدى. ئەپلاتون ياخشى تەربىيە كۆرگەن، بىر مەزگىل ھەربىي بولغان (پېلوپوننېس ئۇرۇشىغا قاتناشقان). مىلادىدىن 407 يىل ئىلگىرى سوقراتن ئۇستاز تۇتقان، ئۇنىڭ كۆپ تەسىرىگە ئۇچرىغان، سوقرات ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ( مىلادىدىن 399 يىل ئىلگىرى) مېگاراغا بارغان، كېيىن شىمالىي ئافرىقا (مىسىر، كورېناكا) ۋە جەنۇبىي ئىتالىيىگە بېرىپ، پېتاگوراسچىلار بىلەن ئۇچراشقان. مىلادىدىن 387 يىل ئىلگىرى سىتسىلىيە ئارىلىغا بېرىپ سوراكو تىرانى دىئونىسۇ Ⅰ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ قېيىن ئىنىسى دىئون بىلەن تونۇشۇپ قالغان؛ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەپلاتون ئافىناغا قايتاشىدا قۇلغا ئايلىنىپ قالغان. لېكىن دوستلىرىنىڭ يىگىرمە مىنا ياردەم قىلىشى بىلەن جىسمانىي ئەركىنلىككە ئېرىشكەن. مىلادىدىن 386 يىل ئىلگىرى ئافىنانىڭ يېنىدىكى ئاكادېمىيە تەنتەربىيە مەيدانىدا <بىلىم يۇرتى> تەسىس قىلىپ، شاگىرىت قوبۇل قىلىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنى يېتىشتۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، مىلادى 367 ۋە 361 يىل ئىلگىرى ئىككى قېتىم سوراكوغا زىيارەتكە بېرىپ، تىران دىئونىسۇ Ⅱ (دىئونىسۇ Ⅰ نىڭ ئوغلى) نى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان، لېكىن نەتىجە قازىنالمىغان. ئەسەر يېزىش بىلەن شۇغۇللانان، ھازىرغىچە ساقلانغانلىرى ئوتتۇز پارچىغا يېقن دىئالوگى بار. دائىم نەقىل كەلتۈرۈلىدىغانلىرىدىن ئاساسلىقى: <مۇنازىرە ھەققىدە>، <پرۇتاگوراس ھەققىدە>، <گورەىياس ھەققىدە>، <جۇمھۇرىيەت> (ينەى <غايىۋى دۆلەت>)، <فېدو ھەققىدە>، <زىياپەت سۆزى ھەققىدە>، <ئاقىل ھەققىدە>، <قانۇن ھەققىدە> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەپلاتون غەرب پەلسەپە تارىخىدا ئىدېئالىزمنى سىستېمىلارشتۇرغان تۇنجى ئادەم. ئۇنىڭ <ئىدراك نەزەرىيىسى> بىر تۈرلۈك ئوبيېكتىپ ئىدېئالىستىك نەزەرىيە بولۇپ، ماددىي دۇنيانىڭ ھەقىقىي مەۋجۇتلۇقىنى تۈپتىن ئىنكار قىلغان. ماددىي دۇنيادىن باشقا يەنە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان غايىۋى دۇنيا مەۋجۇت، ئۇ ماددىي دۇنيانىڭ ئەسلى ئۈلگىسى ۋە نۇسخىسى، ماددىي دۇنيا ئۇنىڭ تولۇق بولمىغان نۇسخىسى، شۇڭا، بىلىش ئوبيېكتى ماددىي دۇنيا ئەمەس، <روھ> ئارقىلىق غايىۋى دۇنيانى ئەسلەش - بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ بىردىنبىر يولى، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئەپلاتوننىڭ پەلسەپە سىستېمىسى سىياسىي ساھەلەرگە تەدبىقىلىنپ، ئۇنىڭ <غايىۋى دۆلەت> نى بارلىققا كەلتۈرگەن. بىر دۆلەتتە (يۇنان شەھەر دۆلىتى) مۇنداق ئۈچ خىل ئادەم بولۇشى كېرەك، يەن ھۆكۈمران بولىدىغان ئاز سانلىق پەيلاسوپلار؛ دۆلەتنى قوغدايدىغان قوراللىق جەڭچىلەر؛ ئالدىنقى ئىككى خىل كىشىلەرنى تەمىنلەيدىغان كەڭ دېھقان ئەمگەكچىلەر بولۇشى كېرەك. ئۈچ خىل كىشىلەر ھەرقايسىسى ئۆز ئورنىدا تۇرۇپ، ئۆز ئىشى بىلەن شۇغۇللانسا <ھەققانىي دۆلەت> نى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. قۇللارغا ئادەم قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنمىغان، ئۇلار ئۈچ دەرىجىگە مەنسۇپ بولمىغان. ئەپلاتوننىڭ بۇ خىل <پەلسەپە خاندانلىقى> نۇقتىئىنەزەرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە سەل - پەل ئۆزگىرىپ، قانۇن ئارقىىق باشقۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سىياسىي پەلسەپەگە ماسلاشقان ھالدا پلاتوننىڭ مائارىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىدىيىسىدىمۇ روشەن مۇتەئەسسىپلىك خاراكتېرگە ئىگە بولغان. ئەپلاتون ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ تەسىس قىلغان <بىلىم يۇرتى> خىلمۇخىل ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ بىر نەچچە ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى ھەمدە شۇ سىستېمىدىن ئۆزگەرگەن ئىدېئالىزملىق مەزھەپلەر كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە خىرسىتىئان دىنى ئىلاھىيەتشۇناسلىقى ۋە يېقىنقى زاماندىكى ئىدېئالىستىك پەلسەپىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە، گرېكچە
قەدىمكى گرېك ئالىمى پلاتوننىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى.