UyghurMain Dictionary
ئەمىتتى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تام ئەمىتتى _ تام قىيشايدى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. كۆڭلۈم ئاڭار ئەمىتتى _ كۆڭلۈم ئاڭا تەلپۈندى ( ئەمىتۈر _ ئەمىتمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قۇلان تۈگەل قومىتتى
ئارقار سوقاق يۇمىتتى
يايلاغ تابا ئەمىتتى
تىزىك تۇرۇپ سەكرىشۈر
{قۇلان تۈگەل قوزغالدى،
ئارقار - كېيىك توپلاندى،
يايلاق تامان تەلپۈندى،
تىزىلىشىپ سەكرىشەر.}
باھارنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دېيىلىدۇ: باھار كېلىپ قۇلانلار ئويناقلاپ كەتتى، ئارقارلار، كېيىكلەر توپلىنىشتى، ئۇلار يايلاققا قاراپ مېڭىشتى، ئۇلار قاتار - قاتار تىزىلىپ سەكرەشمەكتە.
1 - 286