UyghurMain Dictionary
ئەمىر بىننى ئاس جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مىسىردىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى قاھىرە كونا شەھىرىدە. بۇ مەسچىتنى ئەمىر بىننى ئاس (؟ - 644 ) 642 - يىلى سالدۇرغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. دەسلەپ سېلىنغان مەسچىت ئاددىي تام بىلەن قورشالغان، خورما ياغىچى تۈۋرۈك قىلىنغان، ھاك بىلەن ئاقارتىلغان، يەرگە شال پاخىلى سېلىنغان. Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى بۇ مەسچىت ئالتۇن يالىتىلغان ئويما قاتارلىق سەنئەت بۇيۇملىرى بىلەن بېزەلگەن. مۇنبەر ۋە مېھراب قىلىنمىغان. كېيىن كۆپ قېتىم رېمونت قىلىپ ياساش ئارقىلىق، تۈۋرۈكلەر مەرمەر تاشقا ئالماشتۇرۇلغان، مەسچىتنىڭ ئۈستى ئېگىزلىتىلگەن، پەشتاق، خەزىنە، تۈۋرۈكلۈك كارىدور، ھويلا، سۇخانا، زال، مېھراب قاتارلىقلار سېلىنغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ھاكىم بىئەمرۇللا بۇ مەسچىتكە ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن 1298 پارچە «خەتمە قۇرئان»، قىممىتى 10 مىڭ دىنار كېلىدىغان كۈمۈشتىن ياسالغان ئاسما چىراغ تەقدىم قىلغان. پۈتكۈل مەسچىت قۇرۇلۇشىدا 400 تال مەرمەر تۈۋرۈكلۈك كارىدور بولۇپ، ھېيت - ئايەم كۈنلىرى 700 ئاسما چىراغ مەسچىتنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ، مەسچىتكە رەڭلىك 10 قات كىگىز سېلىنغان. بۇ مەسچىتكە 1168 - يىلى ئوت كەتتى. سالاھىددىن 1172 - يىلى قايتا سالدۇردى، كېيىن كۆپ قرتىم رېمونت قىلىنىپ پۇختىلاشتۇرۇلۇپ، بۇرۇنقى مەسچىتنىڭ كۆلىمى ساقلاپ قېلىندى. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 13 مىڭ 750 كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. مەسچىت ئىچىدە مەھكىمە شەرئى تەسىس قىلىنغان. دۆلەتنىڭ قازى قۇزاتى ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئىش بېجىرىپ، دىنىي ۋە ھەق تەلەپ دەۋالىرىغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ. يەر بىېجى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلار ۋە شەھەرلەردىكى ئاھالىلار بۇ يەردە سودا قىلىپ، پۈتۈشۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىدۇ. بۇ مەسچىت تارىختا ئۆتكەن خەلىپە، سۇلتانلار، ۋالىلار ۋە ۋەزىرلەرنىڭ 1952 - يىلىغىچە رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق نامىزىنى ئوقۇيدىغان بىردىنبىر سورۇنى بولۇپ كەلدى.ك ھازىر بۇ مەسچىتنى مىسىر ھۆكۈمىتى نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئاسار ئەتىقە ئورنى قىلىپ بەلگىلىدى..