UyghurMain Dictionary
ئەمدى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۆز بولۇۋاتقان چاغ
تالاي <ئۆتمۈش> لەر <ھازىر> نى بارلىققا كەلتۈرگەن؛ تالاي <كېلەچەك> لە <ھازىر> دىن باشلىنىدۇ. مەنسەپ سوراپ كاتتىلارغا باردىم، ئۇلۇغلارغا باردىم، ئەمدى كىمگە باراي. ئەمدىلىكتە ئۈمىدىم ئۈزۈلدى، قولۇق قىسقاردى، بىراق كۆزۈم روشەنلەشتى، ئاق - قارىنى بىلدىم.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەمدى.
ئەمدى كەلدىم _ ئەمدى كەلدىم. ئوغۇزلار «ا _ ئېلىف» ھەرپىنى كەسرە بىلەن ئوقۇپ، « ئىمدى» دەيدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئۆپكەم كەلىپ ئوغرادىم
ئارسلانلايۇ كۆكرەدىم
ئالپلار باشىن توغرادىم
ئەمدى مەنى كىم تۇتار
{قەھرىم كېلىپ ئېتىلدىم،
ئارسلاندەك ھۆكىرىدىم،
باتۇرلار بېشىن توغرىدىم،
ئەمدى مېنى كىم تۇتار.}
غەزىپىم كېلىپ دۈشمەن ئۈستىگە ئېتىلدىم، ئارسلاندەك ھۆكىرىدىم، باتۇرلارنىڭ كاللىسىنى ئالدىم. ئاندىن كۆپچىلىك ئوتتۇرىسىغا چىقىپ، «قېنى، ئەمدى مېنى كىم تۇتالايدۇ» دەپ ۋارقىرىدىم.
1 - 169
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئەمدى.
كەنچ ئاناسىن ئەمدى _ بالا ئانىسىنى ئەمدى. بۇ سۆز باشقىلارغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ ( ئەمەر _ ئەممەك).
1 - 228
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
سۆز بولۇۋاتقان پەيتتە، ھازىر.
مانا ئەمدى ھەممە ئىش جايىدا بولدى.
سۆز سۆزلىنىۋاتقان پەيتتىن كېيىن، ھازىر.
ئۇ ئەمدى كېلىدۇ.
مەنىنى تەكىتلەش، كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سۆز.
خوش ئانا، كېتەي ئەمدى، مەكتەپكە يېتەي ئەمدى. بىلىم - ھېكمەت يولىغا جاننى بەخش ئېتەي ئەمدى.