UyghurMain Dictionary
ئەمچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كېسەللەرنى داۋالىغۇچى كىشى.
دوختۇرغا يۇرتنىڭ ھەممىسى دوست. تېۋىپ قانچە سىلىق بولسا، قولى شۇنچە شىپالىق بولار. كۆپ ئاغرىغان ئەمچى بولار، كۆپ يۈرگەن يولچى. تېۋىپنىڭ ھەممىسى لوقمان ھېكىم ئەمەس.
شىۋىلەر
تېۋىپ، دوختۇر. مەسىلەن: كۆپ ئاغرىغان ئەمچى بولار، كۆپ كەزگەن يولچى (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەملىگۈچى تېۋىپ؛ تومۇرچى.
كۆپ ئاغرىغان ئەمچى بولۇر، كۆپ يۈرگەن يولچى بولۇر (ماقال).