UyghurMain Dictionary
ئەھلى شەرىئەت تەسەۋۋۇپچىلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سوپىزملىق ئېقىملار بولۇپ، كېيىنكى ئۆلىمالار سوپىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر قىسىم ئېقىملارنىڭ شەرىئەتكە ئەمەل قىلغان - قىلمىغانلىقىغا قاراپ شۇنداق ئاتىغان. كەڭ دائىرىدە شەرىئەتكە ئەمەل قىلغان ھەممە ئېقىملار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. Ⅺ ئەسىردىكى مەشھۇر سوپى ئۆلىماسى ئەل ھۇجۋىرى <كەشغۇل مەھجۇب> (سىرلىق ۋەھىي) ناملىق كىتابىدا ئەينى چاغدىكى سوپىلارنىڭ ئەقىدە، قائىدە، ئىبادەت شەكىللىرىگە ئاساسەن، ئۇلارنى 12 تارماق ئېقىمغا ئايرىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھاسبىيە، كەششارىيە، تائىفرىيە، جۇنەيدىيە قاتارلىق 10 ئېقىم ماختىلىشى، قالغان ئىككى ئېقىم ئەيىبلىنىشى كېرەك، دەپ قارىغان. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان 10 ئېقىم كېيىنكىلەر تەرىپىدىن <ئەھلى شەرىئەت تەسەۋۋۇپچىلار> دېيىلدى، بەزىدە <ئەنئەنىۋى سوپى پىرقىسى> دەپ ئاتىلىپ، <بىدئەت> دەپ قارىلىپ <ئەھلى شەرىئەت بولمىغان سوپى پىرقىسى> دىن پەرقلەندۈرۈلدى. لېكىن، دەسلەپكى چاغلاردىكى سوپى ئۆلىمالىرى ئېيتقان <شەرىئەتكە ئەمەل قىلىش> ئەنئەنىۋى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ نەزىرىدە شەرىئەتنى كەمسىتىش خاھىشىغا ئىگە. چۈنكى، سوپىلار <شەرىئەتكە ئەمەل قىلىش> نى ئىبادەتنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى دەپ قاراپ، ئۇنى <شەرىئەت> دەپ ئاتاپ، تېخىمۇ يۇقىرى <تەرىقەت> كە ۋە <ھەقىقەت> كە يېتىشنىڭ بىر دەرىجە پەلەمپىيى قىلىدۇ. قايسى سوپى پىرقىلىرىنىڭ <شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدىغان پىرقىلەر> ئىكەنلىكى توغرىسىدا كېيىنكى ئۆلىمالارنىڭ چىقارغان يەكۈنى يوق. ئومۇمەن، غەربىي ئاسيادىكى ئىككى دەريا ۋادىسى ياكى ئىراقتىن چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسى، مەسلەن، قەدرىيە پىرقىسى، سۇھرەۋەردىيە پىرقىسى قاتارلىقلار ئەھلى شەرىئەت ھېسابلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خۇراساندىن چىققانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەھلى شەرىئەت ئەمەسلەر سانىلىدۇ. لېكىن، بەزى پىرقىلەر، مەسلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ سوپى پىرقىسىنىڭ بىرى بولغان نەقشبەندىيە بۇنىڭ ئىچىدە ئەمەس.