UyghurMain Dictionary
ئەھلىسەلىبنىڭ شەرققە قىلغان تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ غەربىي ياۋروپا خرىستىئان جەمئىيەتلىرى، فېئوداللىرى، سودىگەرلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. رىم پاپاسى ئېتىقادنى قوغداش بايرىقى ئاستىدا، شەرقنىڭ بايلىقىنى تالان - تاراج قىلىشنى قوزغىدى. بۇ يىراق سەپەرگە قاتناشقانلارنىڭ كىيىمىگە <+> بەلگىسى تىكىپ قويۇلغانلىقتىن، <ئەھلىسەلىب قوشۇنى> دەپ ئاتالدى. 1096 - يىلىدىن 1291 - يىلىغىچە شەرققە توققۇز قېتىم يۈرۈش قىلدى، ۋاقتى 200 يىلغا يېقىن داۋاملاشتى. 1 - قېتىملىق شەققە تاجاۋۇز (1096 - 1099) قىلىشتا رىم پاپاسى <لوردنىڭ قەبرىگاھى> نى <كاپىرلار> نىڭ قولىدىن تارتىۋېلىش، <مۇقەددەس يەر> ئېرۇسالىمنى قۇتقۇزۇۋېلىش دېگەن چاقىرقى بىلەن، ئەھلىسەلىب قوشۇنى ئېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلىپ، بايلىقلارنى بۇلىدى، پۇقرالارنى قىردى. ئىشغال قىلغان زېمىندا ئېرۇسالىم پادىشاھلىقى، ئانتوك كىنەزلىكى، ئېدېسا دۆلىتى قۇردى. مۇسۇلمانلار باش ۋالى ئىماددىن زەنگى (0841 - 1146) نىڭ رەھبەرلىكىدە 144 - يىلى ئېدېسا شەھىرىنى تارتىۋالدى. ئاندىن كېيىن، زەنگىنىڭ ئوغلى نۇرىددىن (1118 - 1174) مۇسۇلمانلارغا رەھبەرلىك قىلىپ، شەرققە 2 - قېتىملىق تاجاۋۇز قىلىشقا (1147 - 1149) باتۇرلۇق بىلەن زەربە بەردى؛ 1171 - يىلى نۇرىددىن قىسىملىرى سالاھىددىن ئەييۇبى خاندانلىقىنى قۇرۇپ، مىسىرنى مەركەز قىلىپ ئەھلىسەلىب قوشۇنىغا زەربە بەردى؛ 1187 - يىلى 7 - ئايدا سالاھىددىن قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، ھىتتىن جېڭىدە چوڭ غەلىبە قىلدى، ئېرۇسالىم پادىشاھىنى ئەسىر ئېلىپ، شەرقىي دېڭىز ياقىسىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالدى، شۇ يىلى 10 - ئايدا ئېرۇسالىمنى قولغا ئالدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، شەرققە 3 - قېتىم تاجاۋۇز قىلغان (1189 - 1192) قوشۇن ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار مىسىر، تنس قاتارلىق جايلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان ئەھلىسەلىب قوشۇنىنىڭ شەرققە قىلغان 4 - قېتىملىق تاجاۋۇزىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىشغال قىلىنغان زېمىننى قايتۇرۇۋالدى. ئىشغال قىلىنغان ئاخىرقى بازا - ئاكرېنى مىسىر قوشۇنلىرى 1291 - يىلى قايتۇرۇۋالدى. ئەھلىسەلىبنىڭ تاجاۋۇزى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.