UyghurMain Dictionary
ئەھكام خەمسە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <بەش خىل ھەرىكەت قائىدىسى> دېگەنلىك بولىدۇ. فەقىھلەر <قۇرئان كەرىم> ھۆكۈمىگە ئاساسەن ئايرىغان ئىنساننىڭ تۆۋەندىكى بەش خىل ھەرىكەت ئۆلچىمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. (1) ۋاجىپ؛ (2) مەندۇب؛ (3) مۇباھ؛ (4) مەكرۇھ؛ (5) ھارام. كونكرېت ئايرىشتا ئوخشىمىغان فىقھە ئېقىملىرى ۋە فەقىھلەرنىڭ پىكرى پەرقلىنىدۇ. مۇقىم ئۆلچەم يوق، شىئە مەزھىپىدىكى فەقىھلەر ۋاجىب بىلەن ھارامنى ئېتىراپ قىلىپ، <قۇرئان كەرىم> دە ئېنىق تەستىقلانمىغانلىرى ھارام دەپ قارايدۇ؛ سۈننىي مەزھىپىدىكى فەقىھلەرنىڭ قارىشىچە، ئېنىق چەكلەنمىگەنلىرى رۇخسەت قىلىنغان ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.