UyghurMain Dictionary
ئەھكام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرلىكى: ھۇكم. ھۆكۈملار؛ يوليۇرۇقلار، نىزاملار، قانۇنلار، پەرمەنلار، بۇيرۇقلار؛ نەتىجىلەر.
ئاسترونومىيىدە يۇلتۇزلار ھەرىكىتى ۋە ھالىتىنى تەتقىق قىلىش.
گەپ؛ مەسىلە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھۆكۈملەر، نىزاملار، پەرمانلار، يوليورۇقلار(بىرلىكى<ھۆكۈم>)؛ ئەھكام شەرئىيە - شەرىئەت ھۆكۈملىرى، شەرىئەت ئىشلىرى؛ ئەھكام ئىلاھىيەت - ئاللانىڭ ھۆكۈملىرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىلىك جەمىئىيىتىدە كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇشىنىڭ مىزانى.
ئەدەبتىن ئەلا مىزان يوق. ئالىيجانابلىق كىيىمدە ئەمەس، ئەخلاقتا. پەزىلەت بەخىتكە ئېرىشتۈرىدۇ. يۇقىرى پەزىلەتلىك دوستى يوق كىشىنىڭ ھاياتى قاراڭغۇ. ئەخلاق - پەزىلەت _ دوستلۇقنىڭ ئاساسى. ئەدەب - ئەخلاق بازاردا سېتىلماس. ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئەردەم، ئەركان، ئەھكامىلىرىنىڭ ھازىرقىغا لايىقراقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. ھۆكۈم، ئەمر - پەرمان، يوليورۇق.
دىنىي ئەھكام.