UyghurMain Dictionary
ئەبۇ ئۇبەيدە ئىبنى جەرراھ
Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىئىسلام دىنىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سەركەردە. قۇرەيش قەبىلىسىدىكى ارىس جەمەتىدە دۇنياغا كەلگەن. Ⅶ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى ھەبەشستانغا كۆچۈپ كەتتى. كېيىن بەدرى ۋە ئوھۇد غازاتلىرىغا قاتناشتى. يەمەنگە دىنىي تەرغىبات ئۈچۈن ئەۋەتىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەدىنىگە قايتىپ كېلىپ، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى، ھەزرىتى ئۆمەر قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە خەلىپە سايلايدىغان <سەقىفە كېڭىشى> گە قاتناشتى. 633 - يىلى قوشۇن باشلاپ سۈرىيىگە يۈرۈش قىلىپ، ئەرەب قوشۇنىنىڭ قوماندانى بولدى. سۈرىيىدە ۋابا كېسىلى بىلەن ئاغرىپ ئالەمدىن ئۆتتى.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.