UyghurMain Dictionary
ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبنى ئىسھاق
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ چىققان ئادەم. مۇھەددەس، مەدىنىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇھەممەد ئىبنى مۇسلىم ئىبنى ئۇبەيدۇللا ئىبنى شىھاب زۇرمرىنىڭ قولىدا ئوقۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىكى ئىش - ئىزلىرىغا دائىر ئەھۋاللارنى توپلاش بىلەن شۇغۇللانغان. ئەنئەنىچىلەر بىلەن زىددىيەتلىشىپ مەزىپىنىڭ ئادىمى ۋە ساختا ھەدىس تەييارلىغۇچى دەپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. كېيىن ئۇنى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەنسۇر باغداتقا تەكلىپ قىلغان. باغداتتا ئالەمدىن ئۆتكەن. ھاياتىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دائىر رىۋايەتلەرنى توپلاپ <سىرات رەسۇلىللاھ> ناملىق ئۈچ توم كىتاب يازغان. ئىبنى ھىسام بۇ كىتابلارنىڭ ئىككى تومىنى <كىتابى سىرات رەسۇلىللاھ > ناملىق ئىككى كىتاب قىىلىپ تۈزۈپ چىققان.