UyghurMain Dictionary
ئەبەدىي
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
دائىمىي، دائىملىق، مەڭگۈلۈك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇزاق، چەكسىز ۋاقىت.
ئەخلاق - مەڭگۈلۈك، بايلىق - بىردەملىك. ئۇلۇغ ئىشقا جان تىككەننى خەلق ئەبەدىي ئۇنتۇمايدۇ. ئىلىم ھەم باقىيدۇر، ھەم ئەبەدىي ئۇ، ئىلىمدىن باشقىسى سېۋەتتىكى سۇ. دۈشمەن قولىغا چۈشكەن ئەبەدىلئەبەد خار. خەقنىڭ قولىدا جان باقماق بولغان ئۆمۈرۋايەت ئاچ قالار. بىرىنچى بولغانلار بىلەن ئېلىشتىن قورققان ئۆمۈر بويى بىرىنچى بولالمايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۇزاق داۋام قىلىدىغان، ۋاقىت چېكى يوق.
بىردەم، بىرپەس
قىسقىغىنا ۋاقىت داۋام قىلىدىغان، ۋاقتى بەك چەكلىك.
ئۇلۇغ ئىش ئۈچۈن جان تىككەن كىشىنى خەلق ئەبەدىي ئۇنتۇمايدۇ. ئىلىم ھەم باقىيدۇر، ھەم ئەبەدىيدۇر، ئىلىمدىن باشقىسى سېۋەتتىكى سۇ. خەلق يولىدا قۇربان بولغانلار خەلق كۆڭلىدە مەڭگۈ ياشايدۇ. ياشلىق بىردەم تۇرىدۇ، ئاخىر كېتىدۇ. بىرپەس راھەت كۆرۈپ، مەڭگۈ خىجىللىقتا قالما. سەپسەتە بىر قېتىم ئۆتىدۇ، ھەقىقەت مەڭگۈ تۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
يېزت. ئەبەدىي، مەڭگۈ، ئۆمۈرۋايەت، ھەمىشە.
مەن ئەمدى ئائىلىمىزنىڭ بەخت گۈلىنىڭ ئەبەدىلئەبەد توزۇپ كېتىشىگە چىداپ تۇرالمايمەن.