UyghurMain Dictionary
ئەبەد
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئاباد پايانى يوق كېلەچەك زامان ئەزال نىڭ قارشىسى: مەڭگۈلۈك؛ ئەبەدىي؛ دائىمىي؛ ئەبەد؛ چەكسىزلىك، دائىملىق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەڭگۈلۈك، ئەبەد.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
يېزت ئى. ئاخىر، پايانى يوق كېلەچەك زامان؛ مەڭگۈلۈك، ھەمىشە، دائىما.
ئانا ۋەتەن ساڭا سادىق قىزىل قەلبىم، سېنى كۈيلەپ تا ئەبەدكە ناخشام ياڭرار.
رەۋ. مەڭگۈ، ئەدەبىي؛ ئۆمۈرۋايەت.
ئۇنتۇماستىن سېنى خەلقىڭ، ئەبەد ساقلايدۇ نامىڭنى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئەبەت
مەڭگۈ