UyghurMain Dictionary
ئېچىتىلغان ئۆستۈرگۈچ
بىئولوگىيە
ئاساسەن باكتېرىيىلىك ئۆسۈشى ۋە مەھسۇلات (ھۈجەيرە ماددىسى ياكى مېتابولىزم مەھسۇلاتى) ھاسىل قىلىشىا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۆستۈرگۈچ. بۇ خىل ئۆستۈرگۈچ تەركىبىدە باكتېرىيىنىڭ ۋېگېتاتىۋلىق ئۆسۈشىگە پايدىلىق بولغان، تېز تەسىر قىلىدىغان كاربونلۇق ۋە ئازوتلۇق ماددىلار، مەھسۇلات ھاسىل قىلىشقا پايدىلىق بولغان كاربونلۇق ۋە ئازوتلۇق ماددىلارنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىدىغان ماددىلار بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىشىتىلىش مىقدارى كۆپ بولغاچقا، دائىم كېلىش مەنبەسى مول، باھاسى تۆۋەن بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ياك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كېيىنكى كېرەكسىز ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدۇ. بۇنداق قىلغاندا، ئادەم ياكى چارۋا ماللار بىلەن خام ئەشيا تالىشىش زىدىيىتىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە ئېچىتىلىدىغان مەھسۇلاتنىڭ تەننەرقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. دائىم ئىشلىتىىلدىغان تەكىبىلەر: سېرىق پۇرچاق كۈنجۈرىسى تالقىنى، خاسىڭ كۈنجۈرىسى تالقىنى، چىگىت كۈنجۈرىسى تالقىنى، قوناق بوتقىسى، پىلە قۇرت تالقىنى، بېلىق ۋە ئېچىتقۇ پاراشوكى، پېپىتون، قوناق ئۇنى، كراخمال (ياۋا ئۆسۈملۈكلەر كراخمالنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە گلۇكوزا قاتارلىقلار.