UyghurMain Dictionary
ئېچىشماقⅡ
ئېچىشماقⅡ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① يارىلانغان ياكى جاراھەتلەنگەن جاي مەلۇم بىرنەرسىنىڭ تەسىرىدىن كۆيۈپ ئاغرىماق:[مىسال:] ئۇنىڭ ئوق تەگكەن يېرى ئېچىشىپ ئاغرىشقا باشلىدى.[يەشمىسى:] ② [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] دەرد-ئەلەم، روھىي ئازاب-ئوقۇبەت تارتماق:[مىسال:] قىزىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ بەختىنىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىدىماي قالماق:[مىسال:] بىر تاۋاق ئالتۇنغا پادىشاھنىڭمۇ بىر يەرلىرى ئېچىشقانىكەن، ئارتۇقچە گەپ قىلماپتۇ.