UyghurMain Dictionary
ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ شەرىئەت سۆزى بولۇپ، سودا - سېتىق ئادىتى بويىچە، مۇقىم مۈلۈكنى ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ سودا - سېتىق ئادىتى بولۇپ، جايلاردا پەرقلىنىدۇ. مەدىنىدە ساتقۇچىنىڭ قانداش تۇغقانلىرى بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. كۇفەدە ساتقۇچىنىڭ قوشنىلىرى بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاۋۋال سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغۇچى رازى بولمىغىچە ساتقۇچى ئۆي ۋە يېرىنى باشقىلارغا سېتىپ بېرىشكە بولمايدۇ.