UyghurMain Dictionary
ئاۋۋال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ۋاقىتىنىڭ باشلىنىش رېتى.
ئەرزان بەرگەن ئاۋۋال ساتار. ئاۋۋال ئويلا، كېيىن سۆزلە. ئالدى بىلەن ئېتىڭنى تاقىلا، ئاندىن يول ياقىلا. ئاتا - ئانىنى خارلىغان ئىلگىرى باسماس. بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن، كېيىن چىققان مۈڭگۈز يامان. بالدۇر بولسۇن، كېيىن بولسۇن. گۆش بىلەن پىچاق دوست بولسۇن. ھەر ئىشنىڭ مۇقەددىمىسى بار. ھەقامساينىڭ قىزىنى كۆرۈڭ، دەسلىپىدە بەردى كۆڭۈل، ئاخىرىدا نازىنى كۆرۈڭ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئالدىنقى رېتى.
كېيىن ، ئاندىن، بەداز، ئاخىر
ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئارقىدىكى رېتى.
ئاۋۋال ئىشلە. كېيىن ئوينا. ئاۋۋال ئويلا، ئاندىن سۆزلە. ئاۋۋال تائام، بەداز كالام. ئىلگىرى تاغ ئايلىنىپ كەلسە، ھازىر باغ ئايلىنىپ كېلىدۇ. ئاخىرىدا كۈلگەن ھەقىقىي كۈلىدۇ. باشتا باشلاپ، ئاخىرىدا تاشلاپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋىش
ئەرەبچە
باشلىنىش پەيتى، ۋاقتى؛ دەسلەپكى پەيت.
ئاۋۋال - ئاخىر. ئاۋۋال ئاخشام.
ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا؛ ئىلگىرى، بۇرۇن.
ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئاۋۋال قانداق بولسا، ھازىرمۇ شۇنداق ئىكەن.
ھەممىدىن ئالدىن، ئالدىن، دەسلەپ.
كىرىشتىن ئاۋۋال چىقىشنى ئويلا (ماقال).