UyghurMain Dictionary
ئاستىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يەڭ، كىيىمنىڭ يېڭى.
پەس، تۆۋەن، تەرىپى، ئاستى، كەسىر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يەڭ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
نەرسىنىڭ تۆۋەن تەرىپى، تۈۋى.
ئۈست، ئۈستۈن، تۆپە
نەرسىنىڭ يۇقىرى تەرىپى.
بولمىغۇر گېپىڭنى كېسەكنىڭ ئاستىغا تىق. تاغ ئېگىز بولسىمۇ، كۈن بىلەن ئاينىڭ ئاستىدا. ئادەم ئۈستىدە ئاسمان بار، ئادەم ئۈستىدە ئادەم. ئاستىن ئاتۇشتىن چىقىپ، ئۈستۈن ئاتۇشقا باردۇق. ئاستىدىكىنى تالايدۇ، ئۈستىدىكىنى سىيلايدۇ. بېلىق سۇنىڭ تېگىدە ياشايدۇ. تېگى يوق يەر بولسا، ئۈستى يوق ئاسمانمۇ بار. تۆپىسى يوقنىڭ تېگىمۇ يوق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئاستىن.
بۇ سۆز توغرا ئەمەس. توغرىسى « ئالتىن».
1 - 147
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئاستىدىكى، تۆۋىنىدىكى، ئاستىغا جايلاشقان.
ئاستىن قەۋەت. ئاستىن قاپاق.
رەۋ. چوڭقۇر.
سەنمۇ نادان، قەدرىمنى بىلمىدىڭ! سۆزگە ئاستىنراق چۈشىنەلمىدىڭ.