UyghurMain Dictionary
ئاستىدا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تىركەلمە
بىرەر ھەرىكەت ياكى ھادىسە قاتارلىقلارنىڭ باشقىسى بىلەن بىرگە ياكى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا سادىر بولۇشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆز - ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش بىلەن باراۋەر - دە.
بىرەر ھەرىكەت ياكى ھالەتنى پەيدا قىلغان باشقا بىر ھەرىكەت، ھالەت ياكى كەچۈرمىشلەرنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇ تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا ئاخىرى ئۇنىڭ شەرتىگە كۆندى.