Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاشلىق قانۇنىغا قارشى ئىتتىپاق
Domain: دۇنيا تارىخى反谷物法联盟
fǎn gǔ wù fǎ lián méng
ئەنگلىيە سانائەت بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئاشلىق ئىمپورت بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلغۇچى تەشكىلات. 1838-يىلى مانچېستىردا قۇرۇلغان. ئاشلىق قانۇنىغا قارشى ھەرىكەتنىڭ يادرولۇق كۈچى. رەھبەرلىرى گوبدېن، بىرگىت (1811 - 1889) ئۇلارنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مانچېستىر ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەرنىڭ تەشەببۇسلىرى ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسى بولغان. ئۇلار ئاشلىق باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، سانائەت ماللىرىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى رىقابەتلىشىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، يەر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىدىغان ئاشلىق قانۇنىغا قارىتا، ئاشلىق ئىمپورت بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بويىچە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق - تەرغىبات قىلىپ، ئەركىن سودىنى يولغا قويۇش سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغان. كېيىن پېئېلنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، 1846-يىلى ئاشلىق قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. ئىشچىلار سىنىپىنىڭ مەلۇم قاتلاملىرىنى ئاشلىق قانۇنىغا قارشى ھەرىكەتكە جەلىپ قىلغان. بۇ ھەرىكەت ئەينى ۋاقىتتىكى ئاساسىي نىزام ھەرىكىتىگە نىسبەتەن يامان تەسىر پەيدا قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.