Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئاشلىق قانۇنى
Domain: دۇنيا تارىخى谷物法
gǔ wù fǎ
ئەنگلىيىنىڭ ئاشلىق ئىمپېرت - ئېكسپورتنى چەكلەش توغرىسىدىكى قانۇن. بولۇپمۇ 1815-يىلى ماقۇللانغان مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھىلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. 1361-يىلى ئەنگلىيە ئاشلىق باھاسىنىڭ ئەرزان بولۇشىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ، ئاشلىق ئېكسپورتىنى مەنئى قىلغان. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەملىكەتنىڭ ئاشلىق تەمىنات ئەھۋالىغا قاراپ ئىلگىرى - ئاخىر كۆپ قېتىم ھەر خىل ئاشلىق قانۇنىنى جاكارلىغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە ⅩⅨئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە، ئاشلىق قانۇنى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان سانائەت بۇرژۇئازىيىسى بىلەن يەر ئاقسۆڭەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ قالغان. 1815-يىلى بۇغداينىڭ باھاسى 18 شىللىڭدىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا چەت ئەل بۇغدايلىرىنى ئىمپېرت قىلىشنى مەنئى قىلىش ھەمدە ئىمپېرت بېجىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، يەر ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كىرىمىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى بەلگىلىگەن. شۇنىڭدىن كېيىن سانائەت بۇرژۇئازىيىسى بىلەن باشقا ئىلغار زاتلار ئاشلىق قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىشنى ۋە ئۇنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1819-يىل 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى پىتېرلوۋ پاجىئەسى ۋە 1839-يىلى زاۋۇت خوجايىنلىرىنىڭ <ئاشلىق قانۇنىغا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى> نى تەشكىل قىلىشىغا مەجبۇر بولغان.
قانۇنشۇناسلىق,تارىخ
谷物法
gǔ wù fǎ
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.